ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» قاتتىق تەنقىد قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەشقەرنىڭ مەلۇم كوچىسىدىكى پولۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار. 2008-يىلى 6-ئاۋغۇست.
قەشقەرنىڭ مەلۇم كوچىسىدىكى پولۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار. 2008-يىلى 6-ئاۋغۇست.
AP

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا مىليونلىغان كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا» ماۋزۇلۇق بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ ھەرىكەت ئىلگىرىكى پەقەت پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشتىن ھازىر كېڭىيىپ بارلىق كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى «نىشانلىق كىشىلەر» دەپ ئاتايدىغان ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر بۇلتۇر 9-ئايدىن بۇيان رايوندا «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» دېگەن نام ئاستىدا بىر ھەرىكەتنى باشلىغان ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تور بەتلىرى خەۋەر تارقىتىپ، بۇ يىل 30-ئۆكتەبىرگىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 18 مىليون كىشىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» گە قاتناشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليون كىشىنىڭ شەخسىي سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇنىڭغا بىر مىليارد 580 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان. بۇنچە زور مەبلەغ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىي مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تاراتقۇلىرى بولسا بۇ ھەرىكەتنى «ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى» دەپ تەرىپلەپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون دوكلاتتا يەر ئالغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ھەرىكىتىنى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» دېگەن نىقاب بىلەن يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىمۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ئارخىپلاشتۇرۇشىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نورملىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئىسمىنى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەمەس ئومۇمىي خەلقنىڭ خۇسۇسىيلىقىنى دەپسەندە قىلىش، دەپ ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنى سەھىيە خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار. ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە يىغىش، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولماي تۇرۇپ يىغىش ۋە ساقلاش، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى بەرمەي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوق»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىشقا ئائىت كۆرسەتمىسى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىكى «رايون بويىچە نوپۇس تىزىملاش خىزمىتى كۆرسەتكۈچى» ناملىق ھۆججىتىدە ئېلان قىلىنغان. بۇ ھۆججەتتە ھەر بىر ئۆيدىكى ھەربىر كىشىگە ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىشنى چوقۇم كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەتتا مەكتەپتە تىزىملىتىشتىن پاسپورت ئېلىشقۇچە بولغان نوپۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ چېتىلىدىكەن. كۆرسەتمىدە يەنە شىنجاڭ نوپۇسى بولۇپ، باشقا ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ تۇرۇشلۇق جايىدا چوقۇم بۇ ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ھۆججەتتە كىشىلەرنىڭ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» كە قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئائىت بىرەر سۆز - جۈملە بايقالمىغان. ھۆججەتنى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش ۋە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش رەھبەرلىك ئىشخانىسى» چىقارغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدىكى ئىشخانىنىڭ توپلانغان ئۇچۇرلارنى قايسى ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئەۋەتىدىغانلىقى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرگە ئادەتتە نوپۇس باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ساقچى ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ، شەخسىيلەرگە ئائىت بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلارنى يىغىش ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ كونترول ۋە نازارەت سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكىتىنى بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا ئېلىپ برېۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغاندا DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ھەر بىر ئادەم گۇماندار ھېسابلىنامدۇ؟ مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىنىڭ قولى يېتىپ بارغان يەنە بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. مەنچە، دۆلەت بۇ يەردە كونترول سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتىدۇ ۋە بۇ سىستېما خەلقئارا نورملارغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان بىر سىستېمىدۇر.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار رايوندا ئېغىر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە تېلېفونلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەڭ قاتتىق دەرىجىدىكى نازارەت ۋە كونترول قىلىشقا ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنداق بىئولوگىيىلىك ئۇچۇر يىغىش ھەرىكىتى ھاقارەت تۈسىگە ئىگە ۋە بۇنى بىخەتەرلىك تەدبىرى دەپ ئاقلاشقا بولمايدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قەشقەردە مۇشۇنداق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بىر كىشىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قاتناشماسلىقنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئېنىقلا «ئىدىىيىسىدە مەسىلە بار»، «سىياسىي جەھەتتىن ساداقەتسىز» دېگەندەك خەتەرلىك ناملارغا قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، دائىرىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن خەۋەر بەرمىگەن. سوفى رىچاردسون خانىم بىزگە بۇ ھەقتە توختىلىپ «بىزگە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە ھۆكۈمەت قارارلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوق. مانا مۇشۇنىڭدەك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بىر ئىستراتېگىيە بىلەن كىشىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش بىر ئەمەس بىر قانچە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورملىرىغا خىلاپ،» دېدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلەرنى قان ئەۋرىشكىسىنى بېرىشكە قىستاش، ياكى ئۇلارغا بىلدۈرمەي تۇرۇپ يىغىشتەك ھەرىكەتلەر بىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ھوقۇقىغا، غۇرۇرىغا ھەم شۇنداقلا كىشىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئۇ يەنە پەس كۆرۈلۈشتەك ئەھۋاللارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ. رايوندا بىخەتەرلىكنى قوغداش نامى ئاستىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەجبۇرىي يوسۇندىكى DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، ئۇنى ›زۆرۈر ۋە لايىقىدا‹ دەپ ئاقلاشقا بولمايدۇ. بىر كىشىنىڭ تېببىي ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ب د ت نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەن.»

ھېنرىي شاجېسكى ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا زور جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىخەتەرلىكنى قوغداش دېگەن نام ئاستىدا ھۆكۈمەتلەر ھوقۇقلۇق بولغان ھەم ھوقۇقلۇق بولمىغان ساھەلەر ئېنىق تىلغا ئېلىنىشى كېرەك. بۇ مەسىلە كۈچلۈك شەكىلدە كۆتۈرۈپ چىقىلىپ، كەڭ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ يەردە سۆز تېمىسى بولۇۋاتقىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك نامى ئاستىدا چېگراسىنى ئېشىشىدۇر»

مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە ئامېرىكىدىكى «تېرمو فىشېر تېخنىكا» شېركىتىنىمۇ بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرى مانا بۇ شېركەتتىن DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەشكە يارايدىغان بىر ئۈسكۈنىنى سېتىۋالغان ئىكەن. سوفى خانىم سۆزىدە، بۇ شىركەت تەرىپىدىن سېتىلغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى DNA ئۇچۇرلىرىنى ئامبارلاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىپ - ئىشتىلمىگەنلىكى ئېنىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ شېركەتنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، چۈنكى ھەرقانداق بىر شىركەتنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى باشقىلارغا ساتقاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۇنى قانداق مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىڭ ئىنسانىيلىققا خىلاپ ئورۇنلاردا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت