ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بىرلىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

20-ئۆكتەبىر توكيودىكى تاكۇشوكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا « ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىنغا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىيا ئەللىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتى 2011-يىلى توكيودا تىبەتلەرنىڭ تەشەببۇسى ئۇيغۇر، موڭغۇل، دېموكراتىك خىتايلارنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلۇپ ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تەيۋەن، بىرما، بۇتان، مالايشىيا، بېنگال ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەزا بولغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت سۆزلىگەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر، تىبەت، دېموكراتىك خىتاي ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار دوكلاتلىرىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي پۇقرالىرى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆزگە چىققان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان « مېڭە يۇيۇش»سىياسىتىنىڭ يەسلى مائارىپىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا گۈلىستان خانىم، بۇ خىلدىكى يىغىنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى پاش قىلىشنىڭ ئۆزى، مۇھاجىرەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەردىن بىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت، ئاسىيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ
ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.