ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ھەققانىي قارشىلىقىمۇ باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىماقتا»

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن ئۈندىدار، فېسبۇكلاردا تارقالغان قىسقا كۆرۈنۈشلۈك بىر فىلىمدا، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويغان يايمىسى سەۋەبلىك بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن بولغان جېدەل نەتىجىسىدە، بۇ بىر ئائىلىدىكى تۆتەيلەننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى نەق مەيدان كۆرۈنۈشى تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىدى. مەزكۇر فىلىم خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ جىددىي دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ نورمال-قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا قىلغان ھەرقانداق سۆزى ۋە ھەرىكىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ئۈچۈن بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا توخماق كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ ھەپتە تارقالغان يايمىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن جېدەللەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە بويىچە خورلىنىش ۋەقەسىگە ئائىت نەق مەيدان فىلىمى نۆۋەتتە قايتىدىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

مەزكۇر كۆرۈنۈش ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان تورداشلار «ئۆز ئائىلىسىنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇر يايمىكەشنىڭ بوزەك قىلىنىش ئاقىۋىتى، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

فېيسبوكتىكى ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە، نەق مەيدان فىلىمىدىكى ئەر كىشىنىڭ يايمىسىنى بۇزۇشقا كەلگەن بازار باشقۇرغۇچىلارغا نارازى بولۇپ ئېيتقان «باشقا يايمىلار خەنزۇلارنىڭ بولغاچقا چېقىلالمايسەن، مۇشۇ يەرگە كېلىپ بىزنىڭكىگە چىقىلامسەن؟» دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «مانا بۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلىرىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھالدىكى تىرىكچىلىك مەنبەلىرىمۇ، ئاشۇ فورمىلىق ھۆكۈمەت ئىجراچىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنماقتا» دېيىلگەن. يەنە بىر ئىنكاستا بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن جىدەللەشكىنى ئۈچۈن ئائىلە بويىچە ئەر-ئايال قىز-ئوغۇل تۆت جاننىڭ خارلىنىشىدەك نەتىجە بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن يايمىكەشلەر بىلەن بازار باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى جىدەللەرنىڭ ئاقىۋىتى سېلىشتۇرۇلۇپ،«خىتاي يايمىكەشلىرى بىلەن بازار باشقۇرغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن يايمىكەشنىڭ بازار باشقۇرغۇچىلارنى قوغلاۋېتىپ، ئۆز مۈلكىنى قوغداپ قېلىش، ياكى ئەڭ يامان ئەھۋالدىمۇ يايمىسىنى مۇسادىرە قىلىش، تارتىۋېلىش بىلەن نەتىجىلەنگەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۈلكىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن ھەققانىي قارشىلىقى ساقچىلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىش بىلەن نەتىجىلەنمەكتە. مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەقسىزلىقنىڭ ئېنىق ئىسپاتى،» دېيىلگەن.

مەزكۇر فىلىمدىكى ۋەقەنىڭ قەيەردە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما سىنئالغۇدا ۋەقەنىڭ «مەشرەپ رېستورانى» نامىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى ئەكس ئەتكەن. رادىئومىز ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىچاندىكىگە ئوخشاش ئىسىمدىكى رېستوران ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما پىچاندىكى سودا سانائەت باشقارمىسى ۋە فىلىم ئۈستىدىكى تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى.

3 كە بۆلۈپ يوللانغان بۇ فىلىم،خىزمەت فورمىسى كىيگەن ئون نەچچە بازار باشقۇرۇش خادىمى بىلەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر -ئايالنىڭ جېدىلىدىن باشلىنىدۇ. 1-فىلىمدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا كەلگەنلەر ئارىسىدىكى بىر نەپەر فورمىسىز ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ يايما ئاچقان ئۇيغۇرلارغا قوپاللىق بىلەن تىل-ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە يايما ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭ يولسىزلىقىغا قارشى، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك ھارۋىسىنى قويغان جاينىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىجراچىلاردىن نېمە ئۈچۈن خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «يۆلەن» تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئۈستەل-ئورۇنداقلار بىلەن كارى بولمىغانلىقى سوراق قىلىنىۋاتقان ھالەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 2-فىلىمدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى، 3-فىلىمدا بولسا فورمىلىق ئىجراچىلارنىڭ بۇ ئائىلىگە تەۋە يېمەكلىك ھارۋىسى، ئىشكاپ، توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەندىن باشقا، بۇ ئائىلىدىكى 4 جاننىڭ ھەممىسىنىڭ بىراقلا تۇتۇپ تۇرۇلغان ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكا مەرىيلەن شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى، ۋە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم مەزكۇر نەق مەيدان فىلىمىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پاجىئەسى نۆۋەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رادىكال ھالەتتىكى باستۇرۇش مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ يايمىچىلار بىلەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئارىسىدا ئوخشاش جېدەل يۈز بەرسىمۇ، ئەمما نەتىجىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارا ھالدىكى مىللىي كەمسىتىش، 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى، ئەسلى بازار باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنىلا ئاتقۇزۇشى كېرەك بولغان خىتاي ھۆكۈمەت ئىجراچىلىرىنىڭ، ئۆز ۋەزىپىسىدىن ھالقىغان ھالدا يايما ئىگىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىقىنى تېررورغا باغلاپ قىلغان زىيادە كۆپ تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئوخشاش جېدەللەر خىتاي شەھەرلىرىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەمما نەتىجە ئوخشىمايدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىدە بازار باشقۇرغۇچىلار بىلەن يايمىكەشلەر ئارىسىدىكى جېدەل ئەڭ ئېغىر بولغاندا شۇ ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك ئەسلىھەلىرى مۇسادىرە قىلىنىش ياكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئاۋۋال ئاغزاكى جېدەللىشىش، ئاخىرى ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئۇرۇۋېلىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئەمما بۇ جېدەل ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئوخشىمىغان نەتىجە بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. ئۆزىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت دەپ ئېلان قىلىۋاتقان خىتايدا بۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇنسىزلىقتا چېكىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. بازار باشقۇرۇش خادىملىرى نېمىشقا شۇ قەدەر زومىگەرلىك قىلىدۇ؟ ھەتتا ساقچىلارمۇ سوتنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىلا ئاندىن كېلىپ تۇتقۇن قىلالايدۇ. ئەمما فىلىمدا بۇ ئائىلىدىكى تۆتەيلەننىڭ ھەر بىرىنى 2-3 تىن فورمىلىق كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىپ مەجبۇرىي سۆرەپ ماڭغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئەلۋەتتە ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە بازار باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئۆز ھوقۇق دائىرىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكى مۇھىم مەسىلە. چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىقىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش سىياسىتى ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولسىزلىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.»

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە ئۆتكەن ئايدا يەنى 15-ئاپرېل كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن 3 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئائىلىسىنىڭ يايمىسىنى قوغداش ۋەقەسىنى مىسالغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى.«ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلغان چاغدا مەن شۇنداق بىر گەپنى قىلغان ئىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىقى تېررورلۇققا باغلىنىپ باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتتە 3 ياشلىق گۆدەك ئۇيغۇر بالىسى قولىغا پولات تۇرۇبىنى كۆتۈرۈپ،خىتاي بازار باشقۇرۇش خادىملىرىغا قارشىلىق قىلغان. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى مومىسى بۇ قارشىلىقنى قىلغان بولسا ئاللىقاچان «تېررورلۇق قىلىشقا ئۇرۇندى» دەپ تۇتقۇن قىلىناتتى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا بولاتتى. مانا ھازىر ئەينى چاغدىكى سۆزۈم خۇددى ئالدىنئالا بېشارەت بەرگەندەكلا بىر ئىش بولدى. بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىسەكمۇ، ئەمما سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدىكى ئەھۋالدىنلا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئاقىۋىتىگە يولۇقۇشى مۇقەررەر. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئىجراچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.»

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقات ماقالىلىرىنى، دوكلاتلارنى تەييارلاپ كېلىۋاتقان ما خەييۈن ئەپەندى ۋە زۇبەيرە خانىملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئاتالمىش«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى رايونغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان تىنچ-ئەمىن ۋەزىيەت ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار رايونىنى تىنچىماس بىر زېمىنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.