بەش قېتىم قامالغان، ئىككى قېتىم كېسىلگەن ئەرزدار يەنە بېيجىڭدا

0:00 / 0:00

جەمىئەتشۇناسلىققا ئائىت ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، زۇلۇم مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكەندە ئۆزىنىڭ كىشىلەرنى ئازابلاش ۋە قورقۇتۇش تەسىرىنى يوقىتىدۇ، ئۇيغۇر رايونىدا شۇنچە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە يەنە پىدائىيلارنىڭ ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشى؛ ئەرزدارلارنىڭ بولسا ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇلۇپ-سولۇنۇپ تۇرسىمۇ، يەنە بېيجىڭغا قاراپ ئاتلىنىشى مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ ئىسپاتلىرىدۇر.

14 يىللىق ئەرز تارىخىدا بەش قېتىم تۇتۇلۇپ، ئىككى قېتىم كېسىلگەن ۋە 4 يىل جازا مۇددىتى ئۆتىگەن خوتەن قاراقاشلىق غوجىمەمەت جاپپار ئەرز ئىشى بىلەن ھازىر يەنە بېيجىڭدا.

ئۇ بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، بۇلتۇر جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ تۈرمىدىن چىققىنىدا، ئانا يۇرتىدا پۇت تىققۇدەك ئۆي-ماكانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى ۋە ناھەق ھالدا تارتىۋېلىنغان 1 يېرىم مو يەر، 8 ئېغىز ئۆي ۋە 600 تۈپ دەرەخنىڭ تۆلەم داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.