ئىگىلىشىمىزچە، نەچچە مىليون سوم قىممىتىدىكى ئۆي-جاي ۋە بېغىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان 80 ياشتىن ئاشقان ئابدۇرەھىم قارى بۇ يىل مايدىن ئېتىبارەن ئەرز قىلىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان.
ئۇنىڭ ئاتۇش شەھەر ئىچى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاۋات كوچىغا جايلاشقان 3 مو 4 پۇڭ يېرى بىرقانچە يىللار ئىلگىرى قورۇ-جايى ۋە بېغى بىلەن قوشۇپ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان.
ئەينى ۋاقىتتا ئاتۇش شەھەر سۈنتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ ئابدۇرېھىم قارىنىڭ قورۇ جايلىرىنى ئەرزان باھادا خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە قىستىغان.
ئابدۇرەھىم قارى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورۇ-جايى مەجبۇرىي تۈرتۈپ تۈزلىۋېتىلگەن. قورۇدىكى يەتتە ئېغىز ئۆيى بىلەن بىرقانچە ئېغىز دۇكانلىرى ۋە بېغى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرەھىم قارى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يولسىزلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەندە، ئۇ ئىككى قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي 80 ياشتىن ئاشقان بۇ بوۋاي يىللارچە ئەرز قىلىشتىن توختىمىغان.
ۋەھالەنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 22-مايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان «نۆل نۇقتا ھەرىكىتى»، يەنى «قاتتىق زەربە بېرىش ۋە تازىلاش» ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا ئابدۇرەھىم قارى باشلىق ئۇيغۇر ئەرزدارلار ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
80 ياشتىن ئاشقان ئابدۇرەھىم قارى قانۇنلۇق يەر-جايى ۋە مال-مۈلكى ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ بۇ يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تۈپەيلى داۋاملىق ئەرز قىلىشتىن توختىغان. بۇ دەۋادىن ئۈمىد ئۈزگەن ئۇنىڭ بالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن دادىسىغا نەسىھەت قىلىپ جانغا تاقاشقان بۇ دەۋادىن قول ئۈزۈشكە، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىگە كۆنۈشكە قىستىغان.
بۈگۈن ئابدۇرەھىم قارىنىڭ قىزى گۈلمىرە بىلەن ئوغلى ئەخمەتجان رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ بۇ دەۋادىن ۋاقتىنچە توختاشتىكى بەزى سەۋەبلىرىنى بايان قىلدى.
گۈلمىرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئاران 450 مىڭ سوم پۇل ۋە 50 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيدىن 2 يۈرۈش بېرىپ بولدى قىلغان. تارتىۋېلىنغان ئەسلىدىكى جاينىڭ بازاردىكى سېتىلىش قىممىتى 5 مىليون سومغا توختايدىكەن.
ئېغىر بېسىم تۈپەيلى ئامالسىز قالغان بۇ ئائىلە بۇ يىل 5-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ دېگەن يېرىگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان.
ئابدۇرەھىم قارى شەخسەن ئۆزى بۇنى قوبۇل قىلمىغان، ئاخىرقى جېنىنى بۇ دەۋاغا تىكىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەخمەتجان كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز ئالدىغا ئىمزا قويغان ۋە بۇ ئىشنى بولدى قىلغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.