ئۇيغۇر ھاجىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشى ناھايىتىمۇ قىيىنغا توختايدىغان بىر ئىش بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىش شەرتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 60 ياشقا كىرگەنلەرنىڭمۇ ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەن.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى تور گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىش ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى. خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلاردىن ھەجگە بارماقچى بولغانلارنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشىنى شەرت قىلغان. ھالبۇكى، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەنلەرگىمۇ پاسپورت بېجىرىپ بەرمىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان ۋە يېڭىدىن پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلارغا بېجىرىپ بەرمىگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ شەكىلدە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن.»

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن چەتئەللەرگە چىقماقچى بولغان بىر مىليونغا يېقىن كىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغان. قايتىپ بارمىغانلارنىڭ ئائىلىلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىلى باشلانغان پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش دولقۇنى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور سەھىپىسىدە تارقالغان خەۋەردە يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرگە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەلۇم سان بەلگىلەپ بەرگەن بولۇپ، خىتاي تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ يىل 12 مىڭ كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان، بىراق بۇ ساننى خىتاي دائىرىلىرى تولۇق ئىجرا قىلمىغان ۋە ھەتتا ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن بىخەتەرلىك خادىملىرىنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ سان تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يىل ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانى 1500 كىشى ئەتراپىدا دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇڭگانلارنى تەشكىل قىلىدىكەن.»

«جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى» تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يۈننەنلىك 284 نەپەر ھاجى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ھەج پائالىيىتىنى باشلىغان. خەۋەردە، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابدۇكېرىم، بۇ يىل خىتايدىن 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە ھاجىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 60 تىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلار ھەج قىلىش يولىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىكەن. ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە خيىم-خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ رۇخسەتسىز يولغا چىققان ھاجىلارنىڭ بەزىلىرى پويىز ئارقىلىق موسكۋاغا بېرىپ، موسكۋادىن ئىستانبۇلغا كېلىدىكەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدىكەن. بەزىلىرى بولسا ئېگىز تاغلارنى ئېشىپ تاشقورغان ئارقىلىق پاكىستانغا بېرىپ ئۇ يەردىن مەككە-مەدىنىگە بېرىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

رۇخسەتسىز ھەج قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەج قىلغاندىن كېيىن جازاغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتالماي سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدە تۇرۇپ قالماقتا ئىكەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى فەيسبوكتا قىساسكار يىگىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر، مەككىدە ھەج قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇڭگان ئايال ھاجىلارغا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىملەرنى كەيدۈرۈپ ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى كۆز بويامچىلىق بىلەن تەنقىد قىلدى. قىساسكار يىگىت دېگەن ئۇيغۇر بىر تۇڭگان ئايالنىڭ ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن سۈرىتىنى تارقىتىپ بۇنىڭغا ئىسپات قىلىپ كۆرسەتتى. بەزى ئىنكاسچىلار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ خىتاي دائىرىلىرى ئۆمەك قىلىپ كەلتۈرگەن تۇڭگان ۋە ئۇيغۇرلارغا 2012-يىلىدىن بۇيان ئەتكەس كۆڭلەك كەيدۈرۈپ كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى يازغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يەنە ئىككى پارچە سۈرەتلىك خەۋەر تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئەر-ئايال ھاجىلار مەككىگە كەلگەندە قىزغىن كۈتۈۋېلىنىپ ئۈستىگە ئەتىر چېچىپ ھەدىيە بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىكەن. يەنە بىرىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەر-ئايال ھاجىلار ئەرەپات كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوڭ بىر كۈننى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىغا خۇشال بولۇپ بىر-بىرىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان ۋە يىغلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئىكەن.

30-ئاۋغۇست كۈنى «بۈگۈنكى پاكىستان» (Pakistan Today) تورىدا، كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ قاتمۇ-قات توساقلاردىن ئۆتۈپ، مىڭ تەسلىكتە ھەجگە كەلگەنلىكىگە قارىماستىن، ھەج ئىبادىتى جەريانىدىمۇ خىتاينىڭ بېسىم ۋە تەقىبلىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

بىز ئۇيغۇر ھاجىلار توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سىراجىددىن ئەزىزى ۋە ئابدۇلھەمىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ھاجىلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا خىلى پەرقلىق ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئادەتتە خوتەندىن ھەر يىلى 400-500 نەپەر ھاجى كېلىدىكەن ئەمما بۇ يىل ئاران 179 كىشى كەلگەن. خىتاي دائىرىلىرى مەككىگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارغىمۇ ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ، مەككىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشنى چەكلىگەن. ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئىختىيارى سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت يوق ئىكەن. ئۇيغۇر ئاشخانىلاردىن تاماق يىيىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، تۇڭگانلار خالىغان يەرگە بېرىپ، خالىغان يەردە تاماق يىيەلەيدىكەن ۋە ئەركىن-ئازادە يۈرەلەيدىكەن.