سېيىت تۆمتۈرك ئەپەندى : ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت دولقۇنىغا ماس ھالدا قۇتقۇزۇش ئىستراتېگىيىمىز بولۇشى زۆرۈر

0:00 / 0:00


2014 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي زۇلۇمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلىشى يېڭى بىر دولقۇن ھاسىل قىلدى. نەچچە مىڭلارچە ئۇيغۇر ھايات تەھدىتلىرىگە، زور بەدەللەرگە قارىماي شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى، تايلاند، مالايشىيا، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۈرلۈك قاچاق يوللار بىلەن بېرىپ، بۇ جەرياندا ئوخشىمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرلەرگە دۇچار بولدى.

2015 - يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى تۈرمىلىرىدىكى نەچچە مىڭلىغان قاچاق ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ قېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشى، قەيسىرىگە يەرلىشىپ يېڭىدىن نورمال بىر ھاياتنى باشلىشىنى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۇنداقلا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئېلىپ بارغان تەدبىرلىك خىزمەتلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

خىتاي زۇلۇمىدىن قاچقان بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش ياساشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇچىلاردىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۆمتۈرك ئەپەندىنى قەيسىرىگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدۇق.