«ھىجرەت» سەپىرىدە ئۇيغۇر ئاياللار ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە (1)

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق خەتەرلىك، ئۇزاق، مۇشەققەتلىك سەپەر جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاياللار ۋە بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەرلىرى قاچاق سەپەر جەريانىدا تايلاند، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرى تۈرمىدە بولسا، ھەتتا بەزىلىرى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن.

ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى، 25 ياشلىق زىباگۈل بالىنىڭ ئانىسى، 25 ياشلىق زىباگۈل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىدىن قېچىپ، ئۆز ئەركى بويىچە ياشاشنى ئىستەپ ئېغىر بەدەللەر بىلەن، ئېرىگە ئەگىشىپ بالىسىنى ئېلىپ ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلغان ۋە ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا پۈتۈن ئائىلە بۆلۈنمەي تۈركىيىگە كېلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ، شۇ مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇل ئاياللاردىن پەرقسىز بىر ھاياتنى باشتىن كەچۈرمەكتە، چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن تۈرمىگە ئېلىنغان، تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئىككى نارەسىدىنى ئاچ قويماي بېقىشتىن باشقا، سەرسانلىق ھاياتىنىڭ يۈكلىگەن غەملىرىنى، ئازابلىرىنى يالغۇز كۆتۈرمەكتە. ئەمما، ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان زىباگۈل يەنىلا ئۈمىدلىك ھالدا «ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن بۇ بەدەلنى تۆلەۋاتقىنىمغا رازى» دەيدۇ.

ئۇنىڭ ھېكايىسى بىزگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت سەپىرىگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى، يوللىرى، خەتەرلىرى ۋە يەنە بەزى يوچۇن تەرەپلىرىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. قېنى زىباگۈلنىڭ ھىكايىسىگە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن بىرلىكتە دىققەت بېرىڭ.