(پاتىمەنىڭ تېخى پۈتمىگەن تۈركىيە چۈشى)
ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا باشلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ ئەرك ئىزدىگەنلەرنىڭ «ھىجرەت سەپىرى» گە ئەرلىرىگە ئەگىشىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى ئېلىپ، ھەتتا ھامىلىدار ھالدا، خەتەرلىك بۇ سەپەرگە تەۋەككۈل قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس. ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىستانبۇلدا ئەرسىز، بالىلىرى يېتىم. قولىدا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھېچقانداق قانۇنلۇق رەسمىيىتى ھەل بولمىغان، ئىشسىز، يار-يۆلەكسىز، پەقەت ۋە پەقەت خەير-ئېھسان جەمئىيەتلىرىنىڭ ساخاۋىتىگە، ۋەتەنداشلىرىنىڭ ياردەملىرىگە تايىنىپ ياشىماقتا، ئۇلار «تۈركىيە» چۈشىگە يەتكەن بولسىمۇ، بۇ چۈش بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ئىزتىراپلار چەكمەكتە. ئەنە شۇلاردىن بىرى بولغان پاتىمە، ھىجرەت سەپىرىگە ھامىلىدار ھالەتتە ئاتلىنىپ، خەتەرلىك سەپەر يوللىرىدا يەڭگىپ، تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ھىجرەت سەپىرىدە تۇغۇلغان ئوماق قىزى بىلەن تۈركىيەگە ئىككى يىل ئاۋۋال سالامەت يېتىۋالغان بولسىمۇ، ئېرى تايلاند تۈرمىسىدە قالغان، تەقدىرى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەركىنلىك ئۈچۈن خېيىم -خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ چېنىققان، جاپالاردا تاۋلانغان بۇ ياش ئانا، مۇخبىرىمىزنى ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى فاتىخ رايونىغا جايلاشقان بىر ئېغىز كىچىككىنە، سەرەمجان ئۆيىدە كۈتۈۋالدى.
ئىستانبۇلدا قېلىن قار ياققان يانۋارنىڭ باشلىرى، فاتىخ رايونىدىكى مەۋلاناقاپى مەھەللە مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان پاتىمەنى ئاخىرى تاپتۇق. 25 ياشلاردىكى چىرايلىق ياش بىر ئايال ئۆزىنى مەن پاتىمە دەپ تونۇشتۇردى، ئۆينىڭ ئىچىدە ئىككى ياشلاردىكى بىر ئوماق قىز قونچىقىنى تۇتۇپ، ئاپىسىغا ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
غەمسىز -غۇبارسىز قونچاق ئويناۋاتقان بۇ نارەسىدە، تايلاند تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان دادىسىدىن بىر ئايلىق چېغىدا ئايرىلغان، دادىسىنى ئارىلاپ ئاپىسىنىڭ تېلېفونىدا سۈرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ كىچىككىنە مۇساپىر، ئاپىسى بىلەن تەڭ ئىستانبۇل كوچىلىرىدا ئۆيسىز، ئاچ، سوغۇقتا تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن.. پاتىمە بىلەن قىزى ھازىر بۇ بىر ئېغىز ئۆيدە، ۋەتەندىكى ئاتا، ئانىسى ئەۋەتكەن ياردەم پۇلى بىلەن ئىجارىگە تۇرۇۋاتقىلى بىر يىل بولغان، ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى چامادان، قوشنىلىرى بەرگەن بىر دىۋان، پەردە، ئىككى كىشىلىك يوتقان، كۆرپە، قازان-قۇمۇچلار ۋە بىر جايناماز ئۇنىڭ بارلىق بىساتى.
ئۇلار گەرچە تۈركىيەگە قەدەم بېسىش بىلەن، چېگرادىن-چېگراغا قاچاق يوللاردا، كېچە-كۈندۈز يول يۈرۈشلەردىن، ساقچىلار، ئەسكەرلەرنىڭ قوغلاش تەھدىتلىرىدىن، يۈرەكزادىلىكتىن، تۈرمە ئازابلىرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئائىلىسى چېچىلغان. پاتىمەنىڭ ۋە قىزىنىڭ تېخى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق قانۇنلۇق رەسمىيىتى ھەل بولمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلالمايدۇ، ھاياتتىن تېخى خاتىرجەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، زىيارىتىمىز جەريانىدا ئارىلاپ ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش ئەگىيتتى، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنى رۇسلاپ، ئۆزىنىڭ توي قىلىپ 15 كۈن بولغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ئىسكەنجىلىرىدىن قۇتۇلۇپ ھۆر ياشاش ئىستىكىدە ئاۋۋال ئېرىنىڭ ئارقىدىن ئۆزىنىڭ «ھىجرەت سەپىرى»گە ئاتلانغانلىقىنى، ئېرى بىلەن ئايرىم ئايرىم تۈرلۈك يوللارنى بېسىپ خىتاي چېگراسىدىن يەنە بىرما، كامبۇدژا، مالايشىيا چېگرالىرىنى ئاتلاپ ئاخىرىدا تايلاندقا كەلگەنلىكىنى، ئۇزۇن ۋاقىتلىق كۈتۈش، ھەر خىل ئۇرۇنۇشلار ئارقىلىقمۇ تۈركىيەگە كېلەلمەي ئۈمىدسىزلەنگەن پەيتتە، ئاخىرى قىزى شۇ سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئېرىنىڭ تايلاند تۈرمىلىرىدىكى «ھىجرەت» كە چىققان باشقا ئاياللارغا ياردەم قىلىمەن دەپ ئۆزىنىڭمۇ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدەك ئاجايىپ داۋالغۇچلۇق تەقدىر-قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى.
(داۋامى بار)