«ھىجرەت» سەپىرىدە ئۇيغۇر ئاياللار ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە (3)

0:00 / 0:00

پاتىمەنىڭ تېخى پۈتمىگەن تۈركىيە چۈشى (2)

3 يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە توي قىلغان پاتىمە 15 كۈن بولغاندىلا ئېرى بىلەن «ھىجرەت» كە تەۋەككۈل قىلىشقا باشلايدۇ. بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇنۇشلار، ئايرىلىشلاردىن كېيىن ئېرى بىلەن مالايشىيادا جەم بولغان پاتىمە، ئىككى يىل ئاۋۋال تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئايلىق بولغان قىزىنى ئېلىپ تۈركىيەگە كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئېرى تايلاند تۈرمىسىدە قالىدۇ. ئىككى ياشلىق قىزى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فاتىخ رايونىدا ياشاۋاتقان پاتىمە «تۈركىيە چۈشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىجرەت قىلىپ چىققان، ۋە بۇ يولدا ئېغىر بەدەللەر تۆلەۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. گەرچە ئۇ كۈندە «ئېرىم خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتەرمۇ ؟ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بىرەرمۇ؟...» دېگەندەك ئەندىشىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاغلىرىدىن بىخەتەر ھېس قىلىدۇ، ئۆينىڭ ئالدىدىكى مەسچىتتىن بەش ۋاق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، تالادا قالماي، بالىسىنى ئاچ قويماي ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا«ھامان جەم بولىمىز» دېگەن بىر ئۈمىدتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئالىي مەكتەپتە دورىگەرلىك كەسپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن پاتىمەنىڭ ئەسلى ئۆز ئالدىغا بىر دورىخانا ئېچىشتەك ئاددىي بىر ئارزۇسىنىڭ ئورنىنى ئېرى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن «تۈركىيە چۈشى»ئالدى. پاتىمە ئېرى بىلەن تەڭ تۈركىيە چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان «ھىجرەت» ھېكايىسىدە، ئۆزىنىڭ تۆت-بەش چېگرانى ئاتلاپ مالايشىياغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قاراتقان ياردىمى بىلەن تۈركىيەگە ئىككى يىل ئاۋۋال سالامەت كېلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى. گەرچە، ئۇ دەسلەپكى بىر قانچە قېتىملىق سەپەرگە ئۇرۇنۇشلىرىدا غەلىبە قىلالماي قايتقان بولسىمۇ، ئاخىرى ئېرىنىڭ ئايرىم مېڭىپ تاپقان يولى ۋە كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ھىجرەت سەپىرىدە خىتاينىڭ ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىرما، كامبودژا، مالايشىيا، تايلاند چېگرالىرىنى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئاتلىغان بولسىمۇ، ھەتتا ئويلىغىنىدىنمۇ ئاسان بولغانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي رېجىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىپ، يەنە چېگرادىن-چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك ئۆتۈپ كېتەلىشىدەك، بۇ ھىجرەت يولىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ قىسمەتلىرىنىڭ سىرلىق تەرەپلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى، كۆزەتكۈچى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىمۇ گۇمان قوزغاۋاتقان تەرەپلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇشبۇ ھىجرەت سەپىرىگە ئېرى بىلەن بەختلىك، ھۆر ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ ئاتلانغان بولسىمۇ، ئېرىدىن ئايرىلغان، قۇچىقىدا بوۋىقى بار، رەسمىيەتسىز، پۇلسىز ۋە ئىشسىز پاتىمە ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ھايات ئۇنچە ئاسان توختىمىغان.

تۈرمىدىكى ئېرىنىڭ ۋە يۇرتىدا قالغان ئائىلە-تاۋابىئاتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە زىيارىتىمىزنى، نىقابىنى ئالماي تۇرۇپ ھېكايىسىنى داۋام قىلغان پاتىمە، تەقدىردىن ھېچ ئاغرىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇ ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلىشىغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى سەۋەب بولغان. شۇڭا ئۇ بۇ ھىجرەت سەپىرىدە ئېرى بىلەن بۆلۈنگەن، جەبرى-جاپالاردا قالغان بولسىمۇ، تۈرمىلەردە ھازىرغىچە تەقدىرى ئېنىق بولمىغان ئېرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلىپ تېخى مەنزىلگە يېتەلمىگەن يەنى تۈركىيەگە كېلىشكە يول تاپالماي، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلارغا قارىغاندا ئۆزىنى تەلەيلىك سانايدۇ. ئەركىنلىك ئۈچۈن تۆلىگەن بۇ بەدەلنى تۆلەشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايدۇ.

گەرچە «تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەرمۇ» دېگەندەك خىياللار بەزىدە ئۇنى ئەندىشىگە سالسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چاغلىرىدىن بىخەتەر ھېس قىلىدىغانلىقىنى، ئۆينىڭ ئالدىدىكى مەسچىتتىن بەش ۋاق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، تالادا قالماي، بالىسىنى ئاچ قويماي ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا «بالامنىڭ دادىسى بىلەن ھامان جەم بولىمەن» دېگەن بىر ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.

تۈركىيە ئۇلارنىڭ بۇ ھۆرلۈك ئۈچۈن باشلىغان «ھىجرەت سەپىرى»نىڭ، تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ سەۋەبى، ئاخىرقى نىشانى ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ «تۈركىيە چۈشى»نىڭ ئاخىرى تېخى پۈتمىدى....

تۈركىيە چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھىجرەتكە تەۋەككۈل قىلغان ئۇيغۇرلاردىن 60 قا يېقىن كىشى ھازىرمۇ تايلاند تۈرمىسىدە، يەنە نامەلۇم ساندا كىشىلەر شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئوخشىمىغان ئەللەردە، تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئايال ۋە بالىلىرى پاتىمەگە ئوخشاش، يېگانە، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەمگە، قۇتقۇزۇشقا موھتاج تۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش «ھىجرەت سەپىرى» نىڭ ئاجايىپ‏-غارايىپ سىرلىق ھېكايىلىرى يەنە داۋام ئەتمەكتە، بەدەللەر تۆلەنمەكتە.