مەن نېمە ئۈچۈن «ھىجرەت» سەپىرىگە ئاتلاندىم؟ (4)

0:00 / 0:00

تۆتىنچى قىسىم: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى قىسمەتلەر

2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دوستلىرى بىلەن مەخپىي يىغىلىپ، يەكەندىكى مەلۇم بىر قورۇدا دىنىي تەبلىغ پائالىيىتىگە قاتناشقان جالالىدىن بۇ مەيداندىن قۇتۇلۇپ چىققان بىردىن-بىر كىشى. ئاشۇ قېتىملىق ساقچىلارنىڭ تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىشى ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ياش جالالىدىن 3 مېتىرلىق تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ قېچىپ كېتىدۇ.

يەكەن ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جالالىدىن تاكى 2013-يىلىغا قەدەر يوشۇرۇنۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ئاخىرى يوشۇرۇنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە قېچىپ بارىدۇ. ئۇ يەردىن «ئادەم قاچاقچىلىقى» بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۇرۇپپىلارغا 70 مىڭ سوم پۇل تۆلەپ، خىتاي چېگراسىدىن لائۇسقا ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ياش جالالىدىن قەيسەرىدىكى تۇرالغۇسىدا تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز ھېكايىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:«بىز پۇل تۆلەپ ئۆتكەن بۇ قاچاق يول شۇ يىللاردا بەكمۇ جانلانغان ئىكەن، ئەمما كېيىنچە بۇ يوللارنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك تاقالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ قېچىش سەپىرى ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس بىر كەچۈرمىش بولدى. ئويلاپ باقسام، مىليون-مىليون پۇلى بار كىشىلەر پۇل خەجلەپمۇ بۇ جاپالىق سەپەردە بىز ھېس قىلغان ئاشۇ ئاجايىپ تۇيغۇلارنى ھېس قىلالىشى ناتايىن. چۈنكى بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئاللا يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن باشقا نىيەت يوق ئىدى. يۇرتىمىزدىكى رېئاللىق ۋە خىتاينىڭ تەقىبلىرى بىزنىڭ ئۆز تۇپرىقىمىزدا ئەركىن ياشىشىمىز ۋە دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن كۈن كۆچۈرۈشىمىزگە يول بەرمىدى. شۇنداقكەن، بىزنىڭ ھىجرەتتىن باشقا تاللىشىمىز يوق ئىدى. شۇڭا بۇ سەپەرگە تەۋەككۈل قىلدۇق.

بىز 2013-يىلى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىن قېچىپ ئۆتكەن دەسلەپكى كىشىلەر توپى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە دۆلەتتىن-دۆلەتكە، چېگرادىن-چېگراغا ئۆتۈپ، تېز سۈرئەتتە سەپەر قىلدۇق. ئاللا پاناھلىق بېرىپ، بۇ سەپەردە ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىدۇق. بىزدىن كېيىن يولغا چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياكى ۋىيېتنامدا ياكى تايلاندتا تۇتۇلۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ گۇرۇپپىدا پەقەتلا 13 كىشى بولغاچقا بىز يېتىپ بارغان يېرىمىزدا ئۇزۇن تۇرماي، تېز سۈرئەتتە سەپەرنى داۋاملاشتۇردۇق. خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدىن تاكى باڭكوك ياكى كۇئالا-لامپۇرغىچە سوزۇلغان بۇ "قاچاق يول" دا ئادەم بېدىكلىرى زەنجىرسىمان ھالەتتىكى بىر قېچىش تورىنى ھاسىل قىلغان ئىكەن. ئۇلار پەقەت پۇلنىلا تونۇيدىغان كىشىلەر بولۇپ، قەيەرگە يېتىپ بارساق، شۇ يەردىن بىزنى ئېلىپ ئۈستى يېپىق ماشىنىلار بىلەن ئارقا يوللاردىن يېڭى مەنزىلگە يەتكۈزىدىكەن. بىز مۇشۇنداق مېڭىپ بىر ھەپتىدە تايلاندقا يېتىپ باردۇق.

تايلاندتا 3-4 كۈن تۇرۇپلا مالايشىياغا ئۆتۈپ كەتتۇق. كۇئالا-لامپۇرغا بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردىن كېتىش ئۇنچە ئاسان بولمىدى. قولىمىزدا ھېچقانداق قەغەز ياكى پاسپورت بولمىغاچقا بۇ يەردە پۇرسەت كۈتۈشكە توغرا كەلدى. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار يولىمىزنى مېڭىپ، مالايشىيادىكى تۈرك ئەلچىخانىسىدىن بىزگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىشكە كۆپ كۈچ چىقاردى. بۇنداق كۈتۈش ۋە رەسمىيەت بېجىرىش جەريانى تاكى بىر يىلغىچە سوزۇلدى. بىزنىڭ گۇرۇپپىدا قولىدا تۈزۈك ئىقتىسادى بولمىغانلاردىن مەن بار ئىدىم. ئەمما نېمىلا بولمىسۇن، مالايشىيادىكى بىر يىلدىن ئارتۇق يوشۇرۇنۇپ تۇرۇش جەريانىدا مېنىڭمۇ رەسمىيەتلىرىم پۈتۈپ، ئاخىرى تۈركىيەگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقتىم.

بىز شۇ قېتىم مالايسىيادىن ئايروپىلانغا چىقالىغانلار جەمئىي 180 دەك كىشى بولۇپ، بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 20-30 دەك كىشى مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغانلار ئىكەن. قالغانلىرىمىز قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرك پاسپورتى بېجىرىپ يولغا چىققانلار ئىدۇق. شۇ كۈنى يىللارچە سوزۇلغان بۇ قاچقۇنلۇق سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە يېتىپ كەلدۇق».

(تۈگىدى)