ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىقلىرىدىن، بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىر قاتار يېڭى سىياسەت، ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇمكى، رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان باراۋەرسىز، ناتوغرا سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ يەنە باشقا شەكىللەردە داۋام قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.
ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەمسىتىلىشى، كۆپلەپ ئىشسىز، نامرات قالدۇرۇلۇشى، ئەرزان قۇل ئورنىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىشى ئىدى. مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا «ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىشنى ۋەدە قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا دەرۋەقە 2009-يىلى يىل ئاخىرى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 75 مىڭ ياش ئىشقا ئورۇنلاشقان. يەنە 23 مىڭ ياش نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان خىتاي ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلگەن.
2010-2011-يىللىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 187 مىڭ 800 ياش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 87% ئاشقانلىقى، ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ 79% تىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى تەشۋىق قىلىندى.
«بىرگە-بىر ياردەم» سىياسىتى ئارقىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىش جەريانىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق 23مىڭ 767 ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولغان. شەھەر بازارلاردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلىق نىسبىتى 3.22% كە تۆۋەنلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەندەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسىنى باھالىغاندا سان كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولماقتا.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى پەقەت ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە بولغان نارازىلىقنى جىددىي ئۇسۇلدا يېپىشنى مەقسەت قىلغاندەك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەھەر، ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ تەربىيىلەش ۋە شۇ جايلاردىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلار سانىنى ئۆز جايدا ئەمەس، بەلكى باشقا جايلارغا يۆتكەش ئارقىلىق كېمەيتىش، ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىدە ھەل قىلغان تەقدىردىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىي مەكتەپ، ئىلغار تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىقتىدارىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر ئىشسىز سۈپىتىدە مائاشى، تەمىناتى بىر قەدەر تۆۋەن، كەسپىي ساپا تەلەپ قىلىنمايدىغان بەزى ساقچى، كۆزەتچىگە ئوخشاش خىزمەتلەر ۋە ياكى دۆلەت مەمۇرى سۈپىتىدە ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشلەش، جامائەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا سەپلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما ئوخشاش مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياكى بىلىم سەۋىيىسى ئۇيغۇرلاردىن تۆۋەن خىتايلار بولسا، يەنىلا ئىلغار كەسپىي كارخانا، شىركەتلەرگە، يۇقىرى ئىمتىيازلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردە مىللىي باراۋەرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتقان ئىكەن.
بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، 29-سېنتەبىر بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا ئۈلگىلىك ناھىيە قۇرۇش دېگەندەك بىر قاتار تەدبىرلەر ياخشى ئىشلىدى. بۇ ئارقىلىق 2011-يىلى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2 مىليون 583 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.» دېمەك، تارىختا سەلبىي نەتىجىلەرنى ياراتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقى ئەمەلىيەتتە يەنىمۇ زورايتىلدى.
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، 10-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-ئومۇمىي يىغىنىدا ئېلان قىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ 3-ماددىسى«ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.
يەنە 25-ماددىسىدا «ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى يوقىتىپ، سىياسەت تۈزۈپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك» دەپ ۋە يەنە 28-ماددىسىدا «ھەر مىللەت ئەمگەكچىلىرى باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىغا ئىگە. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلەتكەندە، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىگە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇنداقلا مەزكۇر قانۇننىڭ 62 ماددىسى «مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتكەنلەر ئۈستىدىن ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ» دەپ 68-ماددىسىدا «مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق، مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، مال-مۈلكىگە زىيان سالغان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.
بۇ ھەقتە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىمۇ كۆرسىتىلگەن ماددىلار بار يەنى بۇنىڭ 22-ماددىسىدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىشتا، ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسىدىن ئالسا بولىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى غوللۇق يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھەق-ھوقۇقلىرى ئەھدىنامىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
مەزكۇر خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ 17 ماددىسىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ: «يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئەمگەك قانۇنلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. يەرلىك خەلقلەر ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەسلا چەتكە قېقىلماسلىق، ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.»
ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 70 مىڭ ياش مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا موھتاج ھالەتتە. ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي ئەمگەك كۈچى كۆچمەن ئىشچىلار سانى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. شۇنداقلا بۇ سان خىتاينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى بىلەن داۋاملىق زورىيىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا داۋاملىق خىرس پەيدا قىلىدۇ. مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى 12-بەش يىلنىڭ ئاخىرى شۇ يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 90% كە يەتكۈزۈلىدۇ دەپ جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەم كۈچىنى خىتايغا يۆتكەش ياكى ئىختىساسلىقلارنى نامۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىسراپ قىلىشتەك غەلىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟
خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى قانداق يېنىكلىتىش، بولۇپمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقان نارازىلىقنى قانداق ھەل قىلىش، ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە، مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ توغرا، باراۋەر سىياسەت تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يارىتىلغان ئىش پۇرسەتلىرىدىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشىغا، مۇھىمى ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىنى توغرا ئىجرا قىلىشىغا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئۆزى ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە يەرلىك مىللەت بولۇش ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشىغا باغلىق مەسىلە.