ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا شۆبە جەمئىيەتلەرگە ۋە ئەزالارغا بىرلا ۋاقىتتا ھۆججەت تارقىتىپ، بارلىق بىرلەشمە ئەزالىرىنىڭ چېگرا ئاتلاش تارىخىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ۋە ئارخىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن بىرلەشمىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش يېقىنقى مەزگىللەردە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ يۇمشاپ قېلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ سودا پائالىيەتلىرىنى تەقىب قىلىش، ئۇلارنى تېخىمۇ سىستېمىلىق باستۇرۇش ۋە مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا باھانە ئىزدەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر يىلدىن بۇيان كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە، «رادىكاللىق» قا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقان تۆھپىكار كارخانىچى، قابىل ئىگىلىك تىكلىگۈچى، پۇلدار سودىگەرلەرنىڭمۇ تەقىبىگە ئۇچرىغانلىقى دەلىللەنمەكتە.
يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن، مەدەنىيەت كەسپىدىكى تۆھپىكار كارخانا دەپ نام بېرىلگەن «شىنجاڭ دولان ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ۋە قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ئابدۇخېلىل ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئۆكتەبىردە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان خەۋىرى يوقلۇقى دەلىللەنگەن ئىدى.
يېقىندا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ھاجىم قاتارلىق قەشقەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى باي سودىگەرلەرنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى5-ئايدا تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلىكى ئېنىقلاندى، خەلقئارالىق مال يۆتكەش شىركەتلىرى بىلەن روناق تاپقان ئابدۇجېلىل ھاجىمنىڭ 18 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
بىر قانچە كۈن ئاۋۋال يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بىرى شۇنىڭدەك شۆھرەت قازانغان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتچىسى، كارخانىچى خالمۇرات غوپۇرنىڭ نامەلۇم «سىياسىي سەۋەب» لەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر كارخانىچىلاردىن يېقىنقى كۈنلەردە كېلىۋاتقان ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئىلگىرى سىياسىي جەھەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ كېلىۋاتقان، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتكە ئىجابىي تەسىر بېرىپ كەلگەن كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئارقا-ئارقىدىن تەقىبلىنىشى ئايرىم كىشىلەرنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان قىسمىتىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە 10 يىللار ئاۋۋال خەلقئارالىق سودا شىركىتى قۇرۇپ روناق تاپقان، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سودا ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە قاراتقان تۈرلۈك كاشىلىسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر ئايال كارخانىچى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزا تەشكىلات ۋە شىركەتلەرگە بۇ يىل 4-يانۋار ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقىنى ۋە ئۇقتۇرۇشتىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ۋە بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان كارخانىچى سودىگەرلەرنىڭ چېگرا ئاتلاش ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ ئارخىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئەۋەتكەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتتە، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق سودا سانائەت ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى چېگرا ئاتلاش ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ باش ئۇيۇشمىغا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا ھەر قانداق ئەزانىڭ چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر باش ئۇيۇشمىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ رۇخسەت ئېلىشى شەرت ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بۇ ئايال كارخانىچىنىڭ ئېيتىشىچە، 500 مىڭ سومدىن ئارتۇق تۇراقلىق مۈلۈككە ئىگە ھەر قانداق سودىگەر ياكى يەككە كارخانىچى ۋە ياكى شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا بولۇشى شەرت ئىكەن. ھەر بىر شىركەت ۋە سودىگەر سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرىدىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر قانداق كارخانا ياكى شىركەت قۇرغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئۆزى ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، ۋەزىپىسى، ئاساسلىق سودا شەكلى، تىزىملاتقان مەبلىغى، ئومۇمىي مەبلىغى، ئومۇمىي مۇقىم مۈلكى، يىللىق بېجى، تەرجىمىھالى ۋە جەمئىيەتتىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسى قاتارلىق ئومۇمىي ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۈچ ئورۇندا ساقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ بىرى-سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى، يەنە بىرى مەھەللە ش باشقۇرۇش كومىتېتى، يەنە بىرى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى.
بۇ ئايال كارخانىچى يەنە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇلاردىن پۇلى كۆپلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، بىر قىسمى دىنىي رادىكاللىق ۋە ياكى نامەلۇم باھانە سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلغان ياكى غايىب بولغان بولسا، يەنە بىر ئاز قىسمى چەتئەللەردە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرچە پەقەت ھۆكۈمەتكە ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن، خىتاي كارخانىلارغا بېقىندى بولغان بىر قىسىملىرى قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭمۇ ئادالەتسىز رىقابەت ۋە كۈچلۈك نازارەت، تەھدىتلەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىگىلىك تىكلەپ سودا ساھەسىنىڭ قابىللىرىغا ئايلانغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان كارخانىچىلارنىڭ يېقىنقى 2 يىلدا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئارقا ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈركۈتكەن. يول تاپالىغان بىر قىسىم ھوشيارلىرى قارا قويۇق تۇتقۇندىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىقىۋالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلاردا ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ يۇمشاپ قېلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىكەن. دائىرىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇلار ھەققىدە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ھەتتا بەزىلىرىنىڭ شىركەتلىرىنى تاقاپ، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالا چاقىلىرى ۋە ياكى قۇۋمى-قېرنداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ گۆرۈگە ئالغانلىق سەۋەبىدىن دالدىلىنىپ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىرى ئاز ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە-ئەزالىرىدىن باشقا يىراق-يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمە ياكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە جازالانماقتىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەسىس قىلغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا دائىرىلەرنىڭ چەتئەلگە بولۇپمۇ تۈركىيە قاتارلىق، قىزىل تىزىملىككە كىرگەن ئەللەرگە چىققانلىقى ئۈچۈنمۇ تەربىيىلىنىۋاتقانلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ-ئۇچراشمىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار سوراقلار، تەنقىد-تەنبىھلەردىن كېيىن، چەتئەلگە چىققىنىغا پۇشايمان باياناتى يازىدىغانلىقى ۋە پۇشايمىنىنى قانائەتلىنەرلىك ئىپادىلىمىگۈچە قويۇۋېتىلمەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
پەقەت چەتئەلگە چىققانلىقى ياكى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قانۇنلۇق يولدا ھەرەمگە بېرىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، «تەربىيەلىنىش» نامىدا رىيازەت چېكىشىگە سەۋەب بولۇشى بىلەن سودا ياكى سەيلە-ساياھەت ئىشلىرى ئۈچۈن يېقىنقى ئايلاردا چېگرا ئاتلىغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ۋاقتىنچە قايتماسلىق قارارىنى ئېلىشىغا قىستىغان سەۋەب ئىكەنلىكى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەردىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن گەرچە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا ئېغىر خىلاپ ھەرىكەتلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئىسپاتلىق ماتېرىياللارغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋاقىتتا، شىركەت-كارخانىلارنى ئاچقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتى تورىدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇقراۋى ئىقتىسادىي گەۋدە 701 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭدىن ئوتتۇراھال خۇسۇسىي كارخانا 117 مىڭ بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ 79 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. يەككە سودا-سانائەتچى 584 مىڭ ئىكەن. گەرچە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بايانىچە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى خۇسۇسى كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىكەن.
0:00 / 0:00