كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.17
xitaylashturush-kiyim-4-xjyc.gov.cn.jpg قاغىلىق ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پاسونىدىكى كىيىملەر كىيدۈرۈلۈپ، خىتاي ئەدەبىياتى ئۆگىتىلمەكتە. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
xjyc.gov.cn

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2019‏-يىللىق دوكلاتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مەركەزلىشىپ، لاگېرلارنى تاقاش، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دۈشمەنلىك قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كەڭ ئەۋج ئالغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. 674 بەتلىك بۇ دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2018‏-يىلى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى خىتاي جەمئىيىتىگە بولغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتقان.

دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا بولغان بېسىم، پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان چەكلىمە، ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇق، دىنىي ئەركىنلىككە بولغان توسالغۇلۇق، ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، تىبەتلىكلەرگە بولغان چەكلىمە ئارتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش چېن چۈەنگونىڭ بۇ رايونغا يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن جىددىي رەۋىشتە ئارتقان.

دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقى، رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىنى «تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى زۆرۈر چارە» دەپ ئاقلاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قوزغىغان ‹زوراۋان ئەسەبىيلىك› كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى 2014‏-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسىدە كومپارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تىبەتتىن شىنجاڭغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن دراماتىك ئارتىش مەيدانغا كەلدى،» دېيىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، چېن چۈەنگو دەۋرىدە دائىرىلەر كەڭ كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى خۇسۇسەن تۇتقۇنلارنى تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدەك رەسمىي ئورۇنلارغا سولاشنى، خىتاي قانۇنىدا ھېچقانداق ئاساسى يوق ‹سىياسىي تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا قاماشنى كۈچەيتكەن. دوكلاتتا بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، «تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە، ھۆكۈمەت-پارتىيەنى مەدھىيەلەشكە، ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنى تەنقىدلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلغانلار ياكى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ جازالىنىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 17‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشى ئۇنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۇنيا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

سوفىيە رىچاردسون مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتتا تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتىمىز، پەقەت خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە شىنجاڭدا سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدەك ئېغىر ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشلا ئەمەس. بەلكى يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. بۇ مەسىلە خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتتى. شۇڭا بىز خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىنكاسنىڭ قوزغىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2018‏-يىلى دۇنيادا ئىستىبداتلىق خاھىشى داۋاملىق ئېغىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا قارشى بەزى ئىجابىي تەرەققىياتلارغا مەيدانغا كەلگەن. دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كۈچەيتكەنلىكى، «يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتى قايتا جانلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كېننىس روت 17‏-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: «مۇستەبىتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلار ھازىرغىچە يەنىلا ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى كۈچەيدى. نەپرەت ۋە باشقا قاراشلارنى چەتكە قېقىپ كەلگەن كۈچلەر ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىۋاتقان قارشىلىققا دۇچ كەلدى. غەلىبىگە تولۇق كاپالەت بولمىسىمۇ، بىراق ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ھادىسىلەر مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ قۇدرەتلىك بىر قارشىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»

ئۇ يەنە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ غەرب بىلەن روھىنگا مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقاندەك ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. كېنىس روت بۇ چاقىرىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇنىڭغا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ روھىنگا مەسىلىسىدە غەرب بىلەن ھەمكارلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۈلگە ياراتقان.

كېننىس روت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تولۇق ھوقۇقلۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاش، دەلىل توپلاش ۋە سوت ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزۇشنى نىشان قىلغان. بۇ بىرمادىكى قىرغىنچىلىق جازاسىز قالمايدۇ، دېگەن سىگنالنى بېرەتتى. بۇ ئەھۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بۇرۇن يۈز بېرىپ باقمىغان. بۇ يەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 57 دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشتى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بۇرۇن ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋاز بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار تۇنجى قېتىم بىرما مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىپ، ئىنتايىن مۇھىم ئۈلگە ياراتتى. بىز بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر جىسمانىي، روھىي جازاغا ئۇچراپلا قالماي، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق نازارەت قىلىنماقتا ئىكەن. دوكلاتتا دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەخسى ھاياتىغا قارىتا پەۋقۇلئاددە چەكلىمىلەرنى قويغانلىقى، پاسپورتلارنىڭ يىغىۋېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ شەھەر ئاتلاپ سەپەر قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىزچىل بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشى، سىياسىي ئۆگىنىش ياكى ياكى تەنقىد قىلىش يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر رايوندا دىنىي ئىبادەتنى مىسلىسىز كونترول قىلىش ئارقىلىق ئىسلامىي ئىبادەتنى قانۇنسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان.

سوفىيە رىچاردسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىتىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لاگېر سىرتىدىكى ئەھۋالى بىلەن لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋالىدا چوڭ پەرقنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ لاگېر بىلەن لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە شۇ نۇقتىنى تەكىتلەشكە تىرىشتۇق: شىنجاڭدا ياشاۋاتقان لاگېرنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى ئوخشاشلا كۈندىلىك ھاياتىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكى ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا. مەيلى ئۇلار دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىشى ياكى ئىسلامى دىنىي ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشىنىڭ چەكلىنىشى، ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ مەنئى قىلىنىشى جەھەتلەردە بولسۇن، لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋال بىلەن سىرتىدىكى ئەھۋالنىڭ بەك چوڭ پەرقى يوق.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتا ئىككى رەقەملىك كود، بىئومېتىر، سۈنئىي ئەقىل، جاسۇسلۇق يۇمتالى، چوڭ ئۇچۇر ئامبېرى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ يەنە بىر مىليوندەك خىتاي كادىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.