مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلايدىغانلار كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى ئاڭلىتىدىغانلار بارغانچە كۆپەيدى. 2017-يىلى ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ يەرلەشكەن ئارزۇ خانىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ئارزۇ خانىم يېقىندا رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۆزىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىش كۈچەيگەن، كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن دەسلەپ باشلانغان مەزگىلدە، ساياھەت ۋىزىسى بىلەن بالىلىرى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىش يولى ئارقىلىق تۇتقۇندىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە كىچىكىدىنلا دىنىي تەربىيە كۈچلۈك بولغان ئائىلىدە ئۆسۈپ-يېتىلگەن ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ 10 نەچچە ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارزۇ خانىمنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە بارغانچە كۈچەيگەن بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەر ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئانا يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.

ئارزۇ خانىمنىڭ ئەسلىشىچە ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كىملىك تەكشۈرگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نارەسىدە ئوغلىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا قورال تەڭلەپ ھەيۋە قىلىشى، ئۇنىڭ ئۆيى جايلاشقان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىغا ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرالىرى، ساقچىلارنىڭ كېچىلىرى ئۈرۈمچىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خالىغانچە كىرىپ، ئادەم تۇتۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇنى ئېقىۋاتقان تىجارىتىنى تاشلاپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بالىلىرىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.

ئارزۇ خانىم بايانىدا يەنە ئۆزى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئارزۇ خانىمدىن ئۇ بايان قىلغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاڭلىتىشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋاتسئاپ، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ھەرىكىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «قايتا تەربىيەلەش»نامىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش ھەرىكىتىنى توختىتىش چاقىرىقلىرى تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بولۇپمۇ رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئۆزىنى ئەمدى سۈكۈت قىلماسلىققا ئۈندىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇتقۇن قىلىشقا ۋە تۈرلۈك جازالاشلارغا ئۇچرىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتىن قورقۇش پسىخىكىسىنىڭ يەنىلا ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان خېلى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كىملىكى بويىچە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىشى، نۆۋەتتە جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى بىرىنچى قول ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ مەلۇماتلار تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەن.