«ماگنېتسكىي قانۇنى» ئۇيغۇرلارنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك قورالى، دەپ كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايكېل رۇبىئو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى تېللىرسونغا خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ماگنېتسكي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە «فرانك ۋولف دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن پايدىللىنىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

29‏-‏نويابىر يوللانغان مەزكۇر خەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر، دىنىي زاتلار ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان. مەكتۇپتا «بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغان ئەمەلدارلارغا ئۇلارنىڭ ئەمدى ئۆزىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سىگنال بېرىش كېرەك،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مايكېل رۇبىئو ۋە كرىستوفىر سىمىسنىڭ مەزكۇر خېتى ترامپ مھۆكۆمىتىنىڭ «ماگنىتسىكي قانۇنى» غا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا ئېلان قىلىندى. 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا چىقىرىلغان بۇ قانۇندا ھۆكۈمەتنىڭ ھەر يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تىزىملىك ئېلان قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىگە بۇ جەھەتتىكى ئىجرالىرى ھەققىدە دوكلات بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

كرىستوفىر سىمىس ۋە مايكېل رۇبىئو خېتىدە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى سىياسىي شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر قىسىم تىزىملىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا بەزى خىتاي ئەمەلدارىنى تىزىملىككە كىرگۈزسە، بۇنىڭ ناھايىتى زور تەسىرى بولىدىكەن.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يوللىغان بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى تىزىملىكىكە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتسا، ھەتتا ئۇنىڭغا بىر بىر خىتاي ئەمەلدارى كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە تەسىرى ناھايىتى زور ئىش بولىدۇ. چۈنكى، خىتايدا تەن جازاسىنى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قىلمايدۇ. ئۇنى بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىنى باشقۇرۇۋاتقان كىشىلەر، تۈرمىنى قوغداۋاتقانلار، گۇندىپايلار ئېلىپ بارىدۇ. بىز خىتاينىڭ سىستېمىسى چېرىلەشكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ پەرقلىق مەقسەت-مۇددىئالاردا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشىنى جازالىماسلىق خىتايدەك دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا رول ئويناۋاتقان مۇھىم ئامىل.»

«ماگنېتسكي قانۇنى» 2012‏-يىلى رۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرگېي ماگنېتسكينىڭ نامىدا رۇسىيەگە قارىتا چىقىرىلغان. لېكىن 2016‏-يىلى بۇ قانۇننىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن دۆلەتلەرگە قارىتىلغان. ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قانۇن ئامېرىكا پرېزدېنتىغا بېرىلگەن ناھايىتى زور ئىمتىياز ئىكەن.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇندا تەپسىلىي دېيىلگەن بىرقانچە مەزمۇنلار بار. مەسىلەن، بۇ قانۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى چەتئەل گراژدانى بولغان ۋە شۇ يەردىكى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە خىزمەت ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىگە، تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىغا دەخلى تەرز ۋە تاجاۋۇز قىلغانلارنى چەكلەش، مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن، دېگەن گەپ بار. بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىمتىياز. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇ قانۇننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكىتە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ.»

مەزكۇر قانۇن باشقا دۆلەتلەردىكى ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى نىشان قىلىدۇ. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ قانۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى بىئارام. چۈنكى، خىتايدا بۇ قانۇن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئادەملىرى ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، 500 مىڭ دوللاردىن جىق مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكادا مال-مۈلۈك سېتىۋالغان، يېشىل كارت ئېلىشقا يول ماڭغان، بالىلىرىنى ئوقۇتۇۋاتقان، ھەتتا ئامېرىكىغا كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشقا كېلىدىغان خىتاينىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارغا باغلىنىشلىق تىجارەتچىلەر بار. ئەگەر بۇ قانۇن ئىجرا بولۇپ قالسا شۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ قانۇندىن ناھايىتى بىئارام.»

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىدىكى سارا كۇكنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تىزىملىككە كىرگۈزسە، بۇ ئۇلارغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارنى ئويلىشىپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكانىڭ ھەقىقەتەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى يەر شارى ماگنېتسكي تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. چۈنكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قانداق سىياسەت يۈرگۈزسە يۈرگۈزسۇن، بۇ قانۇن دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەھبۇسلار، دىنىي گۇرۇھلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا پايدا-زىياننى ئويلىشوپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئامىل. بىز تور بەتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرىدىن، يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيە قانىلى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئاخببارات ۋاسىتىلىرىدىن خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارنىڭ بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر بەزى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلسە، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا بېسىم پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىتوفىر سىمىس ۋە كېڭەش پالات ئەزاسى مايكېل رۇبىئو، تېللىرسونغا يوللىغان خېتىدە يەنە «ماگنېتسكي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بىلەن «فرانك ۋولف خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» ئامېرىكا دۆلەت ئىىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلغان شەخسلەرگە ئېمبارگو قويۇپ، ئۇلارنى جازالىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇنىڭ «ھەر ئىككى قانۇننى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشىنىڭ بەك مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.