26-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيەگە بارغىنىدا، ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ 3 سائەتتىن ئارتۇق تۇتۇپ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قول سوزۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشى زۆرۈر.
دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تەسىر قوزغاپلا قالماي، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.
خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزىتىش مەسىلىسى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق تېما بولماقتا. د ئۇ ق نىڭ بىرقىسىم خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر مىسىر ۋەقەسى ھەمدە دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئانالىز ۋە مۇنازىرىلىرىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كۆپرەك توپلانغان «ئەلىتە ئۇيغۇر»، «سەپداشلار» سەھىپىسىدە پىكىر بايان قىلىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى، قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت ۋە ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بۇ تېما ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، دولقۇن ئەيسانىڭ ئىتالىيە ۋەقەسىنىڭ بۇنىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالدى بىلەن پىكىر بايان قىلغان دىلشات رېشىت ئەپەندى، دولقۇن ئەيسا مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ئاخباراتىدا بۇ قەدەر غۇلغۇلا قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ ئىتالىيە دېموكراتىيىسىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدىن» دەپ ئىزاھلىدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئۆتكەن يىلى خەلقئارا ساقچىغا رەئىس بولۇپ سايلانغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىنى مىڭ خۇڭۋېينىڭ خەلقئارا ساقچىنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تۈركىيەدىكى ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىنىڭ 3 باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بىرىنچى باسقۇچتا ئوتتۇرا ئاسىيانى تىزگىنلىگەن بولسا، ئىككىنچى باسقۇچتا تۈركىيە ۋە ئەرەب دۇنياسىغا قول سوزغانلىقىنى، ئۈچىنچى باسقۇچتا ياۋروپانى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى بارمۇ؟
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەقسىتى ھەم سۇيىقەستلىرىنى كەڭ تونۇتۇشنىڭ مۇھىم چارىلەردىن بىرى سانىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىتالىيە ۋەقەسى مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋەتىنىگە قايتۇرۇلۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان، مىسىر دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن بولغاچ، بۇ ۋەقەلەر بىرلىكتە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئىگىلەپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.