ئۇيغۇر ۋەكىللىرى «تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» دە ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم ھېسداشلىقى كۈچىيىپ بارماقتا.

24-يانۋار كۈنى د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم باشلىق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى «تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» دە تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇرلار توغرىلىق دوكلات بەرگەن. پائالىيەت 4 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، كۆپ ساندىكى تۈرك جامائىتى بۇ قېتىمقى دوكلاتنى قىزىقىش بىلەن ئاڭلىغان.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، «تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» خىزمەت بىناسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر پولۇسىدا غىزالىنىش بىلەن باشلانغان. ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ ئۇيغۇر ئاشپىزى خەمىت ئەپەندى تۈرك تەشكىلاتى جامائىتىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە پولۇ ئېتىپ بەرگەن. تائام لەززىتىدىن ھۇزۇرلانغان تۈرك جامائىتى كۆپ مىننەتدار بولغان ۋە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

تۇرغۇنجانھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، «تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ بۇنداق بىر پائالىيەتنى تەشكىللىشىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىش ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاشلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە جەريانى توغرىلىق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى. تۇرغۇنجانھاجىم يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى ئۈستىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يەنە ميۇنخېن شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھىلالىدىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتىنىڭ تۈرك جامائىتىدە ياخشى تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. تۇرغۇنجانھاجىم سۆزىدە، بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش پائالىيىتى خاتىمىسىدە تۈرك جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە سوئاللار سورىغانلىقىنى ۋە تېگىشلىك جاۋابلار بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.