ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەدنان ئوكتار ۋە خىتاي دىپلوماتلىرى سۆھبىتىدە

تۈركىيىدە دارۋىنىزم ۋە كوممۇنىزم نەزەرىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان ئەدنان ئوكتار ئىسىملىك تۈرك يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا تونۇلغان مەشھۇر شەخستۇر.

0:00 / 0:00

ئەدنان ئوكتار يېقىندا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن بىر ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەدنان ئوكتار خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ياڭ يۇڭ ۋە ۋاڭ شىياۋنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قانچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەم زۇلۇمنى توختىتىش توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ سۇنغان.

ئادنان ئوكتۇر خىتاي ئەلچىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، خىتاي ئەلچى كىتابتىن بىر نەرسىلەر كۆرسىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى يانۋار.
ئادنان ئوكتۇر خىتاي ئەلچىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، خىتاي ئەلچى كىتابتىن بىر نەرسىلەر كۆرسىتىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى يانۋار. (RFA/Arslan)

ئەدنان ئوكتار خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدا «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» دا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
خىتاي ھەيئىتىدىن نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سورۇدۇم، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇنى رەت قىلدى. خىتاي ئەلچىسىدىن، نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىغا چىقىپ ئۇ يەردە زۇلۇم يوقلۇقىنى ئاڭلىتىشنى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار ھەيران قالدى ۋە بۇ تەلەپنى خىتاي باش ئەلچىسىگە شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇشۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ، چۈنكى خىتاي بىز ئۈچۈن مۇھىم، تۈركىيە-خىتاي دوستلۇقى مۇھىم، ئەگەر تۈركىيە-خىتاي دوستلۇقى ياخشى بولسا، تۈرك-ئىسلام بىرلىكىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ، ئىسلام دۇنياسى، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى دۆلەتلىرى خىتاينى قوللايدۇ، خىتايمۇ ئىسلام دۇنياسىنى، تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيىنى قوللايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا چوڭ بىر قەدەم بېسىلغان بولىدۇ، ئەلۋەتتە خىتاي ئۇنىڭدىن قورقۇشقا، ئەندىشە قىلىشقا پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىشى كېرەك.

ئەدنان ئوكتار خىتاي ئەلچىسىگە سۇنغان تەكلىپلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
خىتايدا ياۋروپاغا ئوخشاش دېموكراتىيە بولسۇن دېدىم. خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلدىم ۋە بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۇلار ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ قىيىن بىر جەريان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسى بولماسلىقى كېرەك. خىتاي ئەلچىسىدىن يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشنى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان پروگراممىسىدا ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. مۇشۇنداق قىلساق تەسىرى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەدنان ئوكتار تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا «قىزىل خىتاي قىزىل رەڭنى كوممۇنىزمدىن ئالغان بولۇپ، ئوخشاش ۋاقىتتا مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكۈش بىلەن قىزىل رەڭ بولدى. بۇ زۇلۇم يەنە قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟ خىتاي ھەم قانخورلۇقتىن ھەم ئۇ يەردە چەكسىز كۈچ قوللىنىپ قەتلى قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاتىلى بولۇشتىن قاچان ۋاز كېچىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەدنان ئوكتار مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «ئىلمىي تەتقىقات ۋەخپى» نىڭ رەئىسى شۇنداقلا «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ ساھىبى. ئەدنان ئوكتار 100 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە نەچچە يۈز پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى يازغان يازغۇچى. ئەدنان ئوكتار ھەر كۈنى دېگۈدەك «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» دا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان پروگراممىغا قاتنىشىپ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە تۈركىيە سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەدنان ئوكتار ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شەخس بولۇپ، پات-پات تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى پروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ «كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مەخسۇس تور بېتى بولۇپ، بۇ تور بېكەتتە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە ھەم سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

«كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ئەدنان ئوكتار، 1956-يىلى ئەنقەرەدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەنقەرەدە ئوقۇغاندىن كېيىن ئىستانبۇل مىمار سىنان گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتىدا ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1980-يىللاردىن باشلاپ ئىمان-ئىسلام، ئىلمىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە «ھارۇن يەھيا» ئىسمى بىلەن نۇرغۇن كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالە يازغان ئەدنان ئوكتارنىڭ 45 مىڭ بەتلىك بىر مەجمۇئەسى بار بولۇپ، بۇ مەجمۇئە دۇنيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە ئەدنان ئوكتار ئۇيغۇر دىيارىغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەرنى كۆزىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كەلگەن.

ئەندان ئوكتار بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھەيئىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.