كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىردى
2019.02.04
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئەمەلىيەتلەرگە ئائىت ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.
4-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئورگانلار جەنۋەدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشكە چاقىردى.
يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىغان ئومۇمىي يىغىنى ھارپىسىغا توغرا كەلتۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېن روت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە: «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنچىلىك ئېغىركى، ئۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن نالە قىلماقتا» دېدى.
كېن روت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنى، مەقسىتىنىڭ ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يۇيۇش، ئۇلارنى پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەرگە ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتتى. بىراق ئۇ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقىغا قارىماي، خەلقئارانىڭ ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى سۇسلۇقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تىلغا ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى دەرھال ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆمەك ئەۋەتىپ، لاگېرلارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كۇمى نايدۇمۇ ئەپەندىمۇ تېلېكامېرا ئارقىلىق قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شىنجاڭ خۇددى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەردە داۋام قىلىۋاتقان ئورۋېلچە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى، مەجبۇرىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ياتلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى».
كۇمى نايدۇمۇ ئەپەندىمۇ ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي زەربىسىدىن قورقۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىككە چاقىردى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا بويىچە ئادۋوكاتى جېسسىكا برۇس ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئورتاق ھالدا ۋە ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق ھالدا ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرى بولغان تەدبىرلەرنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تېلېكامېرا ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى. ئۇ ئەتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىق نامايىشى قاتتىق باستۇرۇلغان 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆتكەن 22 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ماڭغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئەڭ ئاددىي بىر ئالاقىلىشىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرىنى، پروفېسسورلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا خالىغانچە قاماق جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىن داۋاملىق ئۆلۈم خەۋەرلىرى كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ كەچ قالىدۇ» دېدى.
يۇقىرىدىكى باياناتلاردىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ھەرقايسى ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مۇخبىرلار سوئاللىرىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان زور ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ مەسىلىگە قانچىلىك ئىنكاس بىلدۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى سورىدى. بۇنىڭغا كېن روت ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئويلىغاندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، جۈملىدىن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى مايكىل ئاينخېن مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا خىتاينىڭ بۇ لاگېر تۈزۈمىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ بۇ نۆۋەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈنمۇ بىر سىناق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مېنىڭچە بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى نامايان قىلىدىغان بىر سىناق. . . خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا قاراپ چىقىلىشى كېرەك» دېدى.
يىغىندا سوئال سورىغۇچىلار ۋە بېرىلگەن جاۋابلار ئارىسىدا تەكىتلەنگەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا خەلقئارا جامائەتنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتى بولدى. يىغىندىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى تۇيۇقسىز يولغا قويمىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندا نەچچە ئون يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى، ئەمما خەلقئارا جامائەت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قىلغان بېسىملارغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى مانا ئەمدى تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇشۇ لاگېرلارنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا ئۇلار «ئەمدى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىتايغا قارشى ئورتاق تەدبىر ئېلىشى كېرەك»، دېدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ بۇ ئورتاق باياناتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈستىدە بېسىم ھاسىل قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.