ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە خىتاي ھەيئىتى جاۋاب بەردى

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 25-نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نامىدىن ئۆمەر قانات سۆز قىلدى. ئۆمەر قانات ئەپەندى 18-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى زالىدا ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولىدىن تارتىۋالغانلىقى، ئىلھام توختى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ قاتارلىق زىيالىيلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېيىن خىتاي ھەيئىتى سۆز قىلىپ د ئۇ ق ھەيئىتىگە رەددىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي قانۇن دۆلىتى، خىتايدا ھېچكىم ئۆزىنى قانۇندىن يۇقىرى ئورۇنغا قويالمايدۇ. ئىلھام توختى خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىش قىلغان بولغاچقا قانۇن بويىچە جازالاندى. بۇ خىتاينىڭ قانۇنىي ھوقۇقى. ھېچ كىم بۇنىڭغا ئارىلىشالمايدۇ. خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ياخشى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداشقا ئوخشاش پۈتۈن ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق. ئەمما خىتاي دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېررورىزم ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا. بىز قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرىمىز ۋە نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتىمۇ ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەن بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.