تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى شەھىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالى بىلەن زالنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شوئار ئاۋازى خىتاي دىپلوماتلارنى قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.
18-مارت كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى بىلەن خىتاي ئەلچىلىكى بىرلىكتە خىتاي مەدەنىيەت ھەپتىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىمۇ قاتناشقان ئىدى. ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم باشچىلىقىدىكى 40 ئەتراپىدا كىشى قوللىرىدا كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن ھالدا تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىغان. خىتاي دىپلوماتلار ، ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاش ئالدىدا «خابەر تۈرك» نىڭ مۇخبىرى نەجمەتتىن چۇخادارئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالىنى ئاڭلاپلا قېچىپ چىقىپ كەتكەن. خىتاي دىپلوماتلاردىن سوئال سورىغان نەجمەتتىن چۇخادارئوغلى، نەق مەيداندىن بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى زالغا كىرگىلى قويمىدى. مەن مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن زالغا كىردىم، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدىم. ئوقۇغان، تەپەككۇر قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نېمىشقا تۈرمىگە تاشلايسىلەر، دەپ سورىدىم. بۇ سوئالىمنى تەرجىمان تەرجىمە قىلىشىغىلا 4 قوغدىغۇچى دەرھال خىتاي دىپلوماتنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىغا خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتسا نېمە ئۈچۈن بۇلارنى چاقىردىڭلار؟ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقان دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن قانداقمۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكۈڭلار كېلىدۇ؟ دەپ سورىدىم. ئەمما خىتايلار بەك قورقۇپ كەتتى. مەن خىتاي دىپلوماتلارغا مەن خەۋەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي قورقىسىلەر، دېدىم.
خەۋەر تۈرك مۇخبىرى نەجمەتتىن چۇھادارئوغلۇ ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىماي تۇرۇپلا خىتاي دىپلوماتلارنىڭ ئارقا ئىشىكتىن قېچىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭ بۇ سوئالىمنى ئاڭلاپ خىتاي دىپلومات جىددىيلىشىپ كەتتى. زالنىڭ ئارقىسىدىن ئىشىكتىن قوغدىغۇچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئېچىلىش مۇراسىمى تۈگىمەستىن چىقىپ كەتتى. سىرتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش ئاۋازىنى زالنىڭ ئىچىدە مېنىڭ سوئالىمنى ئاڭلاپلا تىكىۋەتتى. زالنىڭ ئەتراپىدا خىتاي دىپلوماتلارنى ۋە پائالىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن 130 ئەتراپىدا ساقچى بار ئىدى. ئەسلىدە قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىلى كافېدراسى ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەتكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 ئەتراپىدا ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
خەۋەر تۈرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى نەجمەتتىن چۇخادارئوغلۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ قەيسەرىدە بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەبنىڭ 1964-يىلى خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ قەيسەرى كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارغا بۇرۇن قىلغان زۇلۇمىنى ئەسلىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز ئاخىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم بىلەن سۆھبەت قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.