ئۇيغۇر مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى كومىتېت مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات سۇندى.

د ئۇ ق رەئىسى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە 2013-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئىچكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىش قارار قىلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.