چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگادا چاقىرىلغان 48 دۆلەتتىن 80 دىن ئارتۇق تەشكىلات ۋەكىلى قاتناشقان «رادىكالىزمدىن ساقلىنىش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەت قوزغىغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پراگادا 8-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە داۋام قىلغان «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش» يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رادىكالىزم ۋە ئاشقۇنلۇق»نى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ قورالى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق دوكلات بېرىش ۋە تەجرىبە ھاسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
5 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن جەريانىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 48 دۆلەتتىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش ئىمكانىغا ئېرىشىپلا قالماي، يىغىن مەيدانىدا يەرمەنكە ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلاردىن ھېچ خەۋىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.
ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندىن خۇلاسە چىقىرىپ، يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى ۋە كېلەچەكتە ئىش بىرلىكى قۇرۇشنىڭ ئاساسىنى ھازىرلاشتەك ياخشى بىر نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
8-ئاپرېل چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە باشلانغان بۇ يىغىن 11-ئاپرېل ئاخىرلاشقان. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، يىغىن مەيدانىنى سۈرەتكە تارتىش، ۋىدېئوغا ئېلىش چەكلەنگەن. چۈنكى رادىكالىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئۆز دۆلەتلىرىدە رادىكال كۈچلەرنىڭ تەھدىتلىرى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۈرىتى ۋە كىملىكى ھەققىدە مەتبۇئاتقا ئوچۇق ئۇچۇر تارقىتىشتىن ئېھتىيات قىلىنغان.