«دۇنيادىكى بىلىنمىگەن ھېكايىلەر مۇنبىرى» دا ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى
2018.04.16

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا «دۇنيادىكى بىلىنمىگەن ھېكايىلەر مۇنبىرى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى.
14-ئاپرېل كۈنى ئىتالىيەنىڭ پېرۇگىئا شەھىرىدە 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسىي ئەربابلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان «18-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخباراتچىلار فېستىۋالى» باشلانغان. فېستىۋالنىڭ تۇنجى كۈنى «دۇنيادىكى بىلىنمىگەن ھېكايىلەر مۇنبىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن.
نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا كۆرە، 14-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيادىكى بىلىنمىگەن ھېكايىلەر مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا «رادىيو رادىكالې» قانىلىنىڭ دېكتورى ماسسىمىلىئانو رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى ئاندرې گاتتولىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لائۇرا ھارد، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «خىتايغا ياردەم» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى قاتارلىق 4 كىشى نۇتۇق سۆزلىگەن.
«خەلقئارا ئاخباراتچىلار فېستىۋالى» نىڭ مەقسىتى، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، پىكىر ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، يېزىش ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، ئەركىن ئۇچۇر-ئاخبارات ھەققى چەكلەنگەن، تۈرمىلەرگە بەند قىلىنغان ۋە خارلاشقا ئۇچرىغان مۇخبىرلار، يازغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ ھەققىنى قوغداش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ، ب د ت نىڭ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىردە نامى چىقىشقا باشلىغان قەدىمىي شەھەر پېرۇگىئادا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەلقئارا ئاخباراتچىلار فېستىۋالى» غا نەچچە ئونلىغان دۆلەتلەردىن يۈزلىگەن مۇخبىرلار، ئادۋوكاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسىي ئاكتىپلار، پارلامېنت ئەزالىرى كېلىپ قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلار ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىنغا «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقان ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئىتالىيەدىكى ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان لائۇرا ھارد خانىم قىلغان سۆزلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختالغان.
«18-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخباراتچىلار فېستىۋالى»، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇلار بىلەن تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن.
«18- نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاخباراتچىلار فېستىۋالى» يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت داۋامىدا 710 كىشى نۇتۇق سۆزلەيدىكەن، 310 قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئىتالىيەدىكى «خەلقئارا رادىكال پارتىيەسى» گە ئەزا بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دوستلىرىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەر جەريانىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىدىكەن.