2014-يىلى 27-ئاپرېل مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خەلقئارالىق تۈركىستان قۇرۇلتىيى» نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك تۈرك قاتارلىق خەلقلەردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا كۆپلىگەن تۈركىيەلىك ئالىملار، پروفېسسور بورھان قاۋۇنجى، جۇشقۇن چاكىر قاتارلىق تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر، ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىش پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.
يىغىندا تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 30 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى دوكتور، پروفېسسورلار ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بورھان قاۋۇنجى ئەپەندى مۇنداق دېدى: چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىستان مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ يەردە ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈركىستان مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئاڭلاش ھەم تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئوچۇق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇنى بىر قۇرۇلتاي شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئەمما، پۈتۈن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشنىڭ بىر قېتىملىق يىغىندىلا ھەل بولۇشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق، بۇ قۇرۇلتاي تۈركىستاننىڭ ۋە تۈركىستانلىقلارنىڭ چوڭ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ بىر مۇقەددىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ يىغىننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىستان توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان پائالىيەتلەرنىڭ تۇنجى قەدىمى بولۇپ تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا ۋاسىتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىدا ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى، سىز خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشتىڭىز ۋە بۇ يىغىندا سۆز قىلدىڭىز، بۇ يىغىن قانداق ئۆتتى؟ يىغىن نېمە مەقسەتتە ئۆتكۈزۈلدى ۋە قانداق مەزمۇندا سۆز قىلىندى؟
جاۋاب: بۇ يىغىن، تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىكەن، يىغىننىڭ مەزمۇنى، تۈركىستانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ ئۆتتى، يىغىن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئۆتتى دېيىشكە بولىدۇ.
مۇخبىر: بۇ يىغىندا سىزدىن باشقا كىشىلەرمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدىمۇ؟
جاۋاب: يىغىننىڭ مەزمۇنى تۈركىستان توغرىسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئالماستىن ئۆتەلمىدى، بىر پروفېسسور، ئەگەر بىز گوگېلدىن تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇمات ئىزدىسەك، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپلىگەن خەۋەر-ماقالىلار چىقىدۇ، ئەمما ئومۇمىي تۈركىستان توغرىسىدا، تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولالمايمىز، دېدى. بۇ دېمەك، بىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغانلىقى، خەلقئارادىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندىم! ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار يىغىنىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
جاۋاب: ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئاللاھ رازى بولسۇن، 27-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى، ئىستانبۇلدا خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان بولۇپ، غەربىي تۈركىستاندىن كېلىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھەمشەھەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسەتتە قۇرۇلغان بىر جەمئىيەت. بۇ قۇرۇلتايدا تۈركىستاننىڭ شەرقىيدىن، غەربىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى، رۇسىيەدىن، ياۋروپادىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشتى.
مۇخبىر: بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي مەقسىتى تۈركىستاننىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، تۈركىيە خەلقىگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش، تۈركىستان شەرقىي ۋە غەربىي بىلەن ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىستاننىڭ شەرقىي بىلەن غەربىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىدى، بۇ توغرىدا ئۈچ نۇقتىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۆز قىلىندى، بىرىنچى: تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر، تۈركىستاننىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار، تارىخى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتى. ئىككىنچىسى: تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ تۈركىستانغا بولغان تەسىرى. ئۈچىنچى بولسا، تۈركىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى، مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئىدى. بۇ يىغىن قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتتى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ قىزىقىش بىلەن قاتناشتى، خەلقئارالىق ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س قاتارلىق ئاخباراتلار بۇ قۇرۇلتاي توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقاتتى.
مۇخبىر: بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا قانداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئالاھىدە بىر مەسىلە دەپ ئورۇن بېرىلگەن ئىدى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپ بىلەن قاتناشتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىن قېرىنداشلار قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇملارغا بىز قارشىلىق بىلدۈردۇق.