تۈرك تەتقىقاتچى: شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاللاھ ئاتا قىلغان بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇمدۇر

0:00 / 0:00

15-ماي ئەنقەرەدە ئېچىلغان بىر كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاللاھ ئۇلارغا ئاتا قىلغان بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ سۆزلەر تۈركىيە ساھىبقىران ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى قانۇن، ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە چەتئەلدىكى تۈركلەر باشقارمىسى چاقىرغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركمەن ئېلىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تەكىتلەندى.

يىغىنغا ئەنقەرەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تۈركىيە مۇخبىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ساھىبقىران ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، تۈركىيە مۇخبىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ساھىبقىران ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جەسۇرخان تاش ئەپەندى مەركەزنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنيادىكى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ساھىبقىران ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنساننى، ئىنساننىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئاساس قىلغان بىز كۆر قاراشقا ئىگە.

«ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغدىساڭ دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ داۋاملىشىدۇ» دېگەن سۆزنى ئۆزىمىزگە شوئار قىلدۇق. دۇنياسىنىڭ قايسى يېرىدە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى بولسا بىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز كۆپ قېتىملىق ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق. بۇ خىل دوكلات بېرىش يىغىنلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمىتىمىزگە سۇنىمىز.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كۆپ قىسىملىق ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئالدى بىلەن تۈرك دۇنياسىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئارقىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى، كېيىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.