بىشكەكتىكى «قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى» يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2013.05.28
قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تەكىتلەندى. قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە «قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم مىنىستىرى مۇئاۋىنى دوغدۇرگۈل كەندىربايېۋا خانىم بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مۇئاۋىن مىنىستىرى قۇلۇيېف ئەپەندى قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىن، قىرغىزىستاندىن كۆپ ساندا مۇتەخەسسىس، دۆلەت ئەربابلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا مۇستەقىللىقتىن بۈگۈنگىچە قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتى، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سودا مۇناسىۋىتى، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بولغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئاندىجاننىڭ «قەدىمدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى» ناملىق ئىلمىي دوكلاتى ۋە دوكتور مەسئۇت ئۆزجاننىڭ «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تۈركىيە-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى. بولۇپمۇ، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئىتى ۋە قىرغىزىستان بىخەتەرلىك سىياسىتى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان.
دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىشكەكتە بەرگەن دوكلاتىدا، بۈگۈنكى قىرغىزىستان دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ئۈچۈن كۆپ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، چۈنكى قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئوخشاش خام ماددىلارنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 14 دۆلەت بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىن 8 دۆلەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگراسى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ جەمئىي 5600 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى، پەقەتلا قىرغىزىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئورتاق چېگراسى بارلىقىنى، زېمىن ئىختىلاپلىرىنىڭمۇ ھەل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا 180 مىڭ قىرغىز، قىرغىزىستاندا بولسا 70 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خەۋپ دەپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دەۋاسى داۋاملاشقان مۈددەتچە خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە چاقىرىلغان «قىرغىزىستان-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق يىغىندا دوكلات بەرگەن دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.