گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلغان «مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ماۋزۇلۇق، دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان خەلقئارالىق ئالىي يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ياش ئەۋلادلارنى مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتىدە چاقىرىلغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىنغا رۇسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مىكائىل كاسيانوف، خىرۋاتىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پائۇل سەپاروۋىچ ۋە مەدەنىيەت دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مارك دونفرىئېد، ئېستونىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھازىر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى كرىستىنا ئوجۇلاند خانىم، رۇمىنىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئېمىل كونستانتىنەسكۇ قاتارلىق سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا. بۇ ئالىي يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتناشماقتا.

دولقۇن ئەيسا يىغىندا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پەرقلىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلات يىغىن ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن جەريانىدا رۇسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مىكائىل كاسيانوف، خىرۋاتىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پائۇل سەپاروۋىچ، ئېستونىيە دۆلىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ھازىر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى كرىستىنا ئوجۇلاند خانىم ۋە رۇمىنىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئېمىل كونستانتىنەسكۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم ‏- ئايرىم ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.

بىز يىغىن مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.