ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بيېلېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان بيېلېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 23-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق خادىملىرى «ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى سۆككەن.

د ئۇ ق رەھبىرىنىڭ 23-ئىيۇن بيېلېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ لېكسىيىنى ئاڭلاشقا گېرمانلار، تۈركلەر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ 130 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ھەمدە تەتقىقاتچىلار قاتناشقان. لېكسىيە زالىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ئېسىلغان. پائالىيەت ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش ھەمدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان.

بيېلېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەش ۋەزىپىسىنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت 23-ئىيۇن كۈنى سائەت 17 بىلەن باشلىنىپ، سائەت19 دا ئاخىرلاشقان. ئىككى سائەتلىك بۇ مۇددەتتە، ئۈمىد ئاگاھى 50 مىنۇت نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان خورلۇقلار قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتلار بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن. قالغان بىر سائەت ئون مىنۇت ۋاقىت سوئال-جاۋاب ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈنلا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئىشتىراكچىلاردا زور قىزىقىش قوزغىغان.