ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 27-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىي، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى ئازسانلىقلار دۇنيا سىياسىي جۇغراپىيە شاھمات تاختىسىدىكى پىچكىمۇ؟» ناملىق يىغىنى د ئۇ ق، باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسى، تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، قىرىم تاتارلىرىغا ئوخشاش نوپۇسى ئىنتايىن ئاز بولغان بەزى مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ ئۆتۈشتى.
يىغىن مۇقەددىمىسىدە، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مارگارىتا خانىم، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مارىئو باسدۇخېن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر سۆز ئېلىپ، خىتاينى مەۋجۇت سىياسەتلىرى تۈپەيلى قاتتىق ئەيىبلىدى.
يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مارىئو ئەپەندى دۇنيا سىياسىيونلىرى ۋە ھوقۇقدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار كەبى ئاجىز مىللەتلەر مەسىلىسىگە سەل قارىغانلىقى تۈپەيلى خىتاي زۇلۇمىنىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، باشقا مۇتەخەسسىسلەر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مىللىي مەنپەئەتلەر ئالدىدا قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشتى. يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ۋە بۇ مەقسەتنى دۇنياغا زامان كۆتۈرىدىغان تىل بىلەن چۈشەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، يىغىننىڭ نەتىجىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان راھىلە خانىم بۇ يىغىندىن كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. يىغىن قاتناشقۇچىسى ئابدۇۋەلى ئەپەندى بولسا، دۇنيا سىياسەتچىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتىدىغان تىلەكلىرىنى تەكىتلىدى. د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 27-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىي، دىنىي ۋە تىل جەھەتتىكى ئازسانلىقلار دۇنيا سىياسىي جۇغراپىيە شاھمات تاختىسىدىكى پىچكىمۇ؟» ناملىق يىغىنىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى يىغىنلىرى د ئۇ ق خىزمەت بىناسىدا باشلاندى.