شۋېتسىيەدىكى ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

شىۋىتسيەدىكى پارتىيەلەر ھەر يىلى شۋېتسىيەنىڭ گوتلاند ئارىلىدىكى ۋىسبىي شەھىرىدە يىغىلىپ، ئېلىپ بارىدىغان ئالمۇدالىن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

ۋىسبىي شەھىرىدىكى ئالمۇدالىن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيىتى 1968-يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپ مىنىستىرىنىڭ نۇتقى بىلەن باشلانغان.

كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ، شۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان ھەمدە ئۆز پارتىيەلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان، دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتكە ئايلاندى.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شۋېتسىيەنىڭ ۋىسبىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتكە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىر نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاتتى.

بىز بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.

نىجات تۇرغۇن شۋېتسىيەدە 9-ئايدا بولىدىغان سايلام ئالدىدا بۇ پائالىيەتكە ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكى ئەسكەرتتى.

بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئەھمىيىتى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەتكە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئابدۇلئەزىز مۇھەممەت ئۆز تەسىراتىنى ئىپادىلىدى.

بۇ پائالىيەتكە شۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەتلەرمۇ، ئالمۇدالىن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتتە ئۆزىدىكى بار مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىشقا ئورۇن ھازىرلىدى.

بۇ پائالىيەتتە يەنە شۋېتسىيەدىكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تەشكىلاتلىرى بىلەن شۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فالۇنگوڭچىلار، تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.