ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان «ئورۋېللچە كېلەچەك» ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

0:00 / 0:00

18-ئىيۇل كۈنى، ئاۋسترالىيەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» نىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر پارچە مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى. «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئورۋېللچە كېلەچەككە يۈزلەنمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرى ئارقىلىق نېمە نىشانغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنغان.

«ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئورۋېللچە كېلەچەككە يۈزلەنمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالە ئاپتورى كوننور دىللىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ھازىرقى سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈشتىن ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە بەزى ئارقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كەمسىتىش سىياسەتلىرى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئارزۇلىرى سەۋەبىدىن ياخشى بولۇپ باقمىغانلىقىنى، 2001-يىلى 11‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ۋە ئۆيدە ياسالغان بومبىلار بىلەن ئېلىپ بارغان «ئىپتىدائىي سەۋىيەلىك» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئۇيغۇرلار باشلىق باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە «تېررورلۇق تەھدىتىنى يوقىتىش» دېگەن نام ئاستىدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئاپتورنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمان خەلققە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىككى روشەن ئېلېمېنتى بار. ئۇنىڭ بىرى، بېسىم خاراكتېرلىك ۋە كەڭ ئومۇملاشقان نازارەت ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى ئىشقا سېلىش. يەنە بىرى، جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقىنى ۋە مېڭە يۇيۇش قۇرۇلۇشىنى كەسىپلەشتۈرۈش ياكى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت» بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى سىياسىي كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى بارلىق تېخنىكا ئامىللىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان بولسا، «بىخەتەر ئەمەس» دەپ قارالغان كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كومپارتىيە ئىدىيەلىرى بىلەن تەربىيەلەپ، «بىر جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقىش قۇرۇلۇشى» نى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە ئىكەن.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەر ئارقىلىق بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئاھالىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە خاتىرجەم يەرلىشىشكە تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت قوش مەقسىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز ۋە ئامېرىكىدىكى ئىنسانشۇناس دوكتور دېررىن بايلېر قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى تەھلىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئىنگلىزچىدا «Social Re-Engineering» دەپ ئاتىلىدىغان جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقى، يەنى، «پۈتكۈل بىر مىللەت ياكى جەمئىيەتنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يۇقىرىدىكى بۇ كۆز قاراشلارنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. ئەمما 17-ئىيۇل كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئوبزورچىسى شەن رېنپىڭ يازغان «شارائىتىڭىز يار بەرسە، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئوبزوردا بولسا، «ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەر «بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالدى.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلاردا كەڭ تارقىتىلغان بۇ ئوبزوردا «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئوبزورچىسى شەن رېنپىڭ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:
«. . . شىنجاڭنىڭ ھازىر بىخەتەر ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت، كوچىلاردا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى شىنجاڭدا ھەر ۋاقىت ئىش چىقىش ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئېغىر جەمئىيەت ئامانلىقى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. . . زوراۋان-تېررورچىلارنى قوغلاپ يوقىتىش قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۈگىتىش باشقا ئىش. بۇ تەننەرخنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ناھايىتى زور ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشىدۇر. بۈگۈنكى شىنجاڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ھادىسىدىن تۈزەش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ماھىيەتتىن تۈزەشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە».

ئۇنداقتا خىتاي ئوبزورچى ئېيتقان بۇ «ماھىيەت جەھەتتىن تۈزەش» دېگەن نېمە؟ ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ دەل يۇقىرىدىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان «جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يۇقىرىدا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەر ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئورۋېللچە كېلەچەككە يۈزلەنمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالە ئاپتورى كوننور دىللىن بولسا ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شەكىللەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان جەمئىيەتنى شەرھلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن، مەدەنىيىتى، تىل ۋە دىنىدىن ئايرىپ، ‹ئورۋېللىيان دۆلىتى› دەپ ئاتىلىدىغان سىستېمىنىڭ ئۇقۇملىرىدىن بىرى بولغان گۇرۇپپا بويىچە ئويلاش، يەنى ھېچكىم ئۆز ئالدىغا پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان، قارار چىقىرالمايدىغان بىر ۋەزىيەتنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماقچى» دېگەن.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزىدە، بىر مىللەتنىڭ ئىرادىسى، ئۆرپ -ئادەتلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق جەمئىيەت ئىنژېنېرلىقىنىڭ شۇ مىللەتكە زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىپ ياساش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.