ب د ت دا «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەق-ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

18-سېنتەبىر جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا ئېچىلغان بىر قاتار يىغىنلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

18-سېنتەبىر سائەت 12:20 ئۆتكەندە جەنۋەدە باشلانغان، 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى قاتناشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئاۋسترىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى جىددىي تەلەپ قىلدى.

بۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىندا 3-قېتىم تىلغا ئېلىنىشىدۇر. ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بۇ يىل 6-ئايدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەمدە 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 96-نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بىز نەق مەيداندا تۇرۇپ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە 6 غەرب دۆلىتىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىغا قارىتا تەسىراتىنى سورىدۇق. ئۇ سۆزىدە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە ب د ت نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە بارغانسېرى جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ يىغىندا «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى»، «خېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى» قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. ئەمما خىتاي ئەلچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ بايانلىرىغا قارشى دەرھال ئىنكاس بىلدۈردى. بولۇپمۇ گېرمانىيەگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قوغداۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىر ئۇچۇم زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كەڭ-كۇشادە، خەلقنىڭ پاراۋان ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى جار سالدى. خىتاي ۋەكىللىرى گېرمانىيەنى «بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنى قوللىماقتا ۋە قۇتراتماقتا،» دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى.

د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىم ب د ت دا تېخىمۇ كەڭ تونۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەللەرنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىشى خىتاينىڭ ئىنتايىن قاتتىق جېنىغا تەگدى. خىتاي ‹مەۋجۇت ئەمەس› دەپ يوشۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى 6 غەرب دۆلىتى ‹مەۋجۇت› دەپ جاكارلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. خىتاينىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان پاكىستاندەك دۆلەتلەرمۇ بۇ قېتىم خىتاينى ھىمايە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقالمىدى.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 18-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30-16:30 دا «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەق-ھوقۇقى» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنس، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋەكىلى جون فىشېر، شىددەتسىز رادىكال پارتىيە ۋە خەلقئارا چېگراسىز پارتىيە ۋەكىلى لائۇرا ھارت قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىنغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خادىملىرى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى شۇنداقلا باشقا كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

مەزكۇر يىغىن مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ، يىغىندا سۆز ئالغان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسىلا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلدى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ھەق-ھوقۇقى» ناملىق يىغىنغا تەقدىم قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر جازالىرىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، دىنىي زاتلار، زىيالىيلار، ئاددىي ئاۋام خەلقنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا شىددەتلىك باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخمان، ئارسلان ئابدۇللا، راھىلە داۋۇت، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار ھەمدە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرلىرىدىن جۈرئەت ھاجى قاتارلىقلارنى رەسىملىرى بىلەن مىسالغا كەلتۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى، ئۆز ئانىسى ئايخان خانىملارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنس سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزۈلمەي ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىنسانلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش توغرىسىدا خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئادرىيان زېنس سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ كېچىككەنلىكىنى، كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۈرمىلەرگە ۋە لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقىنى، دۇنيانىڭ دەرھال ئۈنۈم بېرەلەيدىغان چارە-تەدبىرلەر بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى، بەلكى جىددىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزى داۋامىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ خەرىتىسى» نى ئېكراندا كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى جون فىشەر ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان ئەڭ ئەقەللىي ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتلىرىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىددەتسىز رادىكال پارتىيە ۋە خەلقئارا چېگراسىز پارتىيە ۋەكىلى لائۇرا خارت خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي پرىنسىپلىرىغا تامامەن خىلاپلىق قىلىپ، غەرب ئەللىرىدىمۇ خىتايچە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ نەزىرىدىكى مىللىي مەنپەئەتنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تۇغما ھەق-ھوقۇقىنى يادرو قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ خاتا ئىدېئولوگىيەسى ۋە بۇ ئىدېئولوگىيە سايىسىدىكى بارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن كەلگەن قازاق زىيالىيسى ئۆمۈرخانمۇ يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى،» دېدى. ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر قازاق ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقىنىڭ مىليونلاپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا جامائىتىگە قارىتا «شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق، شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىل!» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

يۇقىرىقى ئىككى مۇھىم يىغىندىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ب د ت يەرلىك مىللەتلەر ئالىي كومىسسارلىقى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتلارنى تەقدىم قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېنمۇ گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، مىسىر قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.