ئۇيغۇر دادا: ئانام، ئاكام تۈرمىدە، 4 بالام «بالىلار لاگېرىدا»

0:00 / 0:00

تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز ئەھۋالنى ئاڭلاتسا، يەنە بەزىلىرى خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەرز يېزىپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئانىسى پاتىمەخان مەمەتنىڭ 10 يىل، ئاكىسىنىڭ 5 يېرىم يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، سىڭلىسىنىڭ سوراق جەريانىدا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى، 4 بالىسىنىڭ ئاتالمىش «سۆيگۈ يەسلىسى» نامىدىكى «بالىلار لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى توغرىسىدا كۆز يېشى تۆككەن ھالدا مەلۇمات بەردى.

ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 2017-يىلى 3-ئايدا ئايالى بىلەن بىرگە پىلان سىرتىدا بولغان بالىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ، بىر جاننىمۇ بولسا ساقلاپ قېلىش مەقسىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «جازا لاگېرلىرىغا» سولاشقا باشلىغاندىن كېيىن قايتالمىغان. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.

ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى ئانىسىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، بۇرۇنقى ئايالىنىڭ 20 يىل، ئاكىسىنىڭ 5 يېرىم يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى ئەسلىدە يەككە تىجارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن بىنا سېتىۋالغان ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ تۈركىيەگە كەتكەندىن كېيىن 2017-يىلى 8-ئايدا تۇيۇقسىز ساقچىلار ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە كىرىپ، سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە نوپۇسۇڭلار يوق ئىكەن، خوتەنگە قايتىڭلار دەپ ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ بالىلىرىغا قاراۋاتقان ئانىسىنى 4 نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ خوتەنگە قايتۇرۇۋەتكەن. ئادىل ئابدۇقادىرنىڭ ئېيتىشىچە، خوتەندىكى سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىك جىنايىتى» بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغان.

ئۇنداقتا ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ ئانىسى قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۆت بالىسى نېمە بولدى؟ ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە دائىرىلەر ئۇلارنى «سۆيگۈ يەسلىسى »دەپ ئاتىۋالغان «بالىلار لاگېرى»غا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى 4 بالىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ 4 بالىسىنىڭ رەسىملىرىنى تارتىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ يۈزىنى تەمرەتكە بېسىپ، يارا قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئايالىنىڭ نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى كۆپەيگەن، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن ئۆي ئېلىپ بالىلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر دىيارىغا قايتالمىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سولاقلىق ئىكەن. ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندىمۇ قايتىپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

ئىستانبۇلدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابلىكىم قۇربان ئەپەندى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئادىل ئابدۇقادىرنى تونۇيدىغانلىقىنى، پىلان سىرتىدا بولغان بالىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىمەن دەپ تۈركىيەگە كېلىپ، بېشىغا مۇشۇنداق پالاكەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئادىل ئابدۇقادىر ئەپەندى يەنە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل جازالىنىش پاجىئەسىنىڭ ئاللىقاچان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئورتاق پاجىئەگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «بالامنى قايتۇرۇپ بەر» تېمىسىدا قول قويۇش دولقۇنى قوزغىغان بولۇپ، 10 مىڭ كىشى قول قويسا تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.