20-سېنتەبىر تەيۋەندىكى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت «كۇنمىڭ ۋەقەسى»، «يەكەن ۋەقەسى» گە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەرگەن.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەيۋەندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، يىغىنغا تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شۇنداقلا موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
يىغىن ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن كەچ سائەت ئالتىگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىنغا كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.
بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندىن كېيىن ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.