خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىگە جايلاشقان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن ئايرىم مۇھاكىمە زالى ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتايدىن كەلگەن ھەمدە ئامېرىكادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئۆز ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

يەر شارى مىقياسىدا دۇنيا ئىلىم-پەن سەۋىيىسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي شۆھرىتى يالغۇز تەبىئىي پەن ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە ئىجتىمائىي پەنلەرگە دائىر ئىزدىنىشلەردىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. مانا مۇشۇ قاتاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ماۋزۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكانىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى «سوغۇق ئۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن 1955-يىلى خىتاينى ئاساسىي تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان «شەرقىي ئاسىيا خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشىدۇر. مەزكۇر مەركەز 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇنجى مۇدىرى جون فايربەنكنىڭ نامى بويىچە «فايربەنك خىتاي تەتقىقات مەركىزى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن بۇيان مەزكۇر مەركەز ئىزچىل ھالدا خىتايغا ئالاقىدار تېمىلار بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەتقىقات تېمىلىرىنى تاماملاش،ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىقات خىراجىتى بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق خىتاي تەتقىقاتىدا دۇنياۋى مىقيادا سەركىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. يېقىندا «فايربەنك خىتاي تەتقىقات مەركىزى» ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مۇھىت، جەمئىيەت، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەڭ نازۇك نۇقتىلار بويىچە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا فايربەنك خىتاي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى مايكىل سونيى سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاتمىش يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1950-يىللاردىكى ئومۇمىي تەتقىقات يۆنىلىشىنىڭ ھازىرقىدەك رېئال مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرگە يۆتكەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا تېخىمۇ ئەمىلى رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىم تېمىلار بويىچە ئاجرىتىلغان مۇزاكىرە گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى «خىتايدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر مىللەتلىرى» بولۇپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچكى ئاسىيا ۋە ئالتايشۇناسلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لېئونارد ۋاندېركايپ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە رەئىسلىك قىلدى. يىغىندا خىتايدىن ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار خىتاينىڭ تىبەتتىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى.

مەزكۇر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلغان ماقالىلەردىن بىرى ئامېرىكا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رايان سامنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قېلىشى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتى بولدى. رايان سام خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇلۇغلۇق مۇساپىلىرى» ناملىق ئەسەر يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

رايان سام بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەۋەسىدە «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ھەرقاچان ئۇلارنىڭ نامىغا قوشۇلۇپ ئىشلىتىلىدىغان «ئاز سانلىق» دېگەن سۈپەت ھەققىدە ھېچقانچە تەتقىقات يورۇقلۇققا چىقمىغان. ئۇ ھازىر «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆتكەن بىرنەچچە ئەسىردە «ئالتە شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن تارىم ۋادىسىدا ياشاپ كەلگەن ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوننىڭ ھازىر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامىنىڭمۇ شۇ جايدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىشى 1759-يىلىدىكى مانجۇ ئىستېلاسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

راياننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتاش ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسىلەردىن بىرى. چۈنكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە دالا تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدىن بايقىشىچە ئۇ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق بوستانلىقلار تارقالغان يۆنىلىشكە، يەنى جەنۇبقا سۈرۈلگەنسېرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئاشۇ رايونلاردىكى غايەت زور نوپۇس پەرقى مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولىدۇ: بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلار ھەرقاچان ئاساسلىق مىللەت سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھال مانجۇلار مەزكۇر رايوننى يېڭى ئىشغال قىلغان مەزگىللەردىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار بارلىق ئۆلچەملەر بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ مۇتلەق ھالدا بۇ رايوندىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان.

ھالبۇكى ئۇنىڭ قارىشىچە ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغۇچى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتتا «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشى ھەممىدىن بەكرەك غەلىتە ھادىسىدۇر. ئۇنىڭچە، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئاشۇ ئالىملارنىڭ دالا تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئۈرۈمچى قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى تاللىۋالغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى شەھەرلەردە خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى سەۋەبچى بولغان. دەرۋەقە ئىنگلىز تىلىدىكى «ئاز سانلىق» (minority) دېگەن مەنىدىكى سۆز ئۇلارنىڭ سان جەھەتتە ئازلىقىنى ئەمەس، بەلكى ھوقۇق جەھەتتىكى ئىگىلىگەن سالمىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ سۆز ھازىر چەتئەل تىللىرىدىكى ئەسەرلەردە بۇ سۆزنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى «سان جەھەتتە ئاز سانلىق» دېگەن ئۇقۇم مەنىسى بويىچە ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ.

رايان بۇ جەھەتتە ھېس قىلغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ھەر خىل نارازىلىق كەيپىياتلىرى 2009-يىلىدىن ئىلگىرى ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى نىشان قىلغان بولسا، 2009-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئېتنىك تەركىبنى ئاساس قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇنىڭچە بۇ ھال ئادەمنى ناھايىتى ئەندىكتۈرىدۇ.

مانا مۇشۇ ھادىسىلەر ئومۇملىشىپ كېلىپ خىتايدا «خىتاينىڭ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق. مەسىلە ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قالاقلىقى ۋە نادانلىقى» دا دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش ئوتتۇرىغا چىققان. ھۆكۈمەتنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرى، سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقسىزلىق بولسا ھەرقايسى «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نىڭ دىندارلىق ھالىتىنىڭ زامانىۋىلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي رەھبەرلىكنىڭ قارىشىچە خىتايدا «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن باشقا مىللىي مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.

يىغىندا ئالاقىدار كىشىلەر بىر قىسىم سوئاللارنى بەرگەن بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولغان دائىرە بويىچە تېگىشلىك جاۋاب بەردى. يىغىنغا ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي مەسىلىلىرىگە قىزىققۇچى كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.