CNN تېلېۋىزىيەسى بىلەن NPR رادىيوسىدا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارغا تۈرلۈك جىسمانىي ۋە روھىي بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى نۆۋەتتە خەلقئارادىكى داڭلىق ئاخباراتلارنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندى. 14-نويابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن CNN تېلېۋىزىيەسى بىلەن NPR رادىيوسى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا سولىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەپ تارقاتتى. بۇ خەۋەرلەردە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن جۇدا بولغانلىقى مۇھىم تېما قىلىندى.

CNN تېلېۋىزىيەسى خەۋىرىدە ئامېرىكىدىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرەنىڭ ئۆز ئىنىسى، ھاممىسى ۋە نەۋرە ئاكا-سىڭىللىرىدىن بولۇپ ئاز دېگەندە 23 تۇغقىنىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقىنى، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ بىر ئايدىن بېرى يەنە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

خەۋەردە يەنە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 6 مۇخبىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، رادىيومىز مۇخبىرلىرىدىن مەمەتجان جۈمەنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ 2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى شۇنداقلا يەنە ئانىسى ۋە ئىككى سىڭلىسى بىلەنمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ CNN گە قىلغان سۆزىدە «ئائىلىڭىزنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەسلىك ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلالماسلىق دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن ئىش. مەن ھەر كۈنى ئۇلارنى ئويلايمەن. ئۇ خۇددى بىر ۋىرۇسقا ئوخشاش ھەر كۈنى سىزنىڭ كاللىڭىزغا كىرىۋالىدۇ. قوپساممۇ-ياتساممۇ شۇلارنى خىيال قىلىمەن. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بېرەلمەيمەن،» دېگەن.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئاشۇنداق لاگېردا ئىكەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شان روبېرتس ئەپەندى زىيارەت قىلىنغان. ئۇ سۆزىدە لاگېرلارنى «ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە «ئۇلار بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ رېئاللىقتىن ھالقىغان )ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان» بىر ھەرىكەت. مەن 21-ئەسىردە بۇنداق ئىش تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن» دېگەن. گۈلچېھرە بولسا بۇنى «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان. گۈلچېھرە سۆزىدە مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ ئاۋازسىز خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

NPR رادىيوسىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ رايوندىكى ۋەقەلەرنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن مۇخبىرلارنىڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇلار مۇخبىرلىرىمىزدىن شۆھرەت ھوشۇرنى مىسالغا ئېلىپ، «ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئادەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلاپ كەلگەن. بىراق ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەكتە. ئۇ ۋە باشقا 5 خىزمەتدىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قولغا ئېلىندى. ئۇ يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بەزى تۇغقانلىرى ساقچى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ساقچى ئۇنىڭ ئاۋازىنى دەرھال تونۇۋالغان ۋە يەنە تېلېفون قىلىدىغان بولساڭ مەن سېنىڭ ئائىلەڭنى ۋەيران قىلىمەن، دېگەن» دەپ بايان قىلىدۇ.

خەۋەردە يەنە ھازىر شۆھرەت ھوشۇرنىڭ 78 ياشلىق ئانىسى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 8 تۇغقىنىنىڭ تۈرمىدە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئانىسىنى «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ لاگېرغا ئېلىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۆزىنى خەلقىنىڭ ئالدىدا مەجبۇرىيىتى بار، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا،» دەيدۇ.

ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف NPR رادىيوسىغا قىلغان سۆزىدە رايوندا ئۆتكەن يىلى قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك قەسەم بېرىش ۋە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىنلا، يەنى 2017-يىلى ئاپرېلدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تۇنجى بولۇپ رايوندا لاگېر بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان ۋە «ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق جىنايىتى يوق كىشىلەرنىڭ پەقەتلا بۇرۇت قويغان، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن ياكى دىنى تېمىلاردا سۆزلەشكەن دېگەن سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا ئەپ كېتىلىۋاتقىنى ئۇققۇنىمىزدا چۆچۈپ كەتكەن ئىدۇق،» دېگەن.

NPR رادىيو پروگراممىسىدا گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە «كوممۇنىزم ھەر ۋاقىت ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىپ، دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان كىشىلەرنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. دېمەك، ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە مۇشۇ خىلدىكى قايتا تەربىيەلەرنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەگەر ئىشەنمىسە، ئۇ ھالدا ئۇلار دىنغا ئوخشاش باشقا ئېتىقادلارنىڭ كوممۇنىزم ئىدىيەسىدىنمۇ كۈچلۈكلۈكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ،» دېگەن.

CNN تېلېۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش ئورنى» دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زېمىننىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى ھالقىلىق جاي بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان.