تەتقىقاتچىلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

بۈگۈن، يەنى 26-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇلار باياناتىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ۋە ئىلمىي ئورگانلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ۋە مىليونلىغان ئىنسانلارنى قامىۋالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشقا دەۋەت قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 9 ئارتۇق ئالىم-تەتقىقاتچى بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قالمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار ئاخبارات يىغىنىدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە ئىمزالىق باياناتىدا دۆلەتلەر، شىركەتلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئىلىم ئورگانلىرىنى خىتاي ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە سېلىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى زۇلۇملارغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شان ۋېبېرتس، رۇس ھولمان تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تىموتي گروس، ئەنگلىيە نەۋكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جوئان سىمىت فىنلي، ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دەرىن بايلېر، ئاگۇستا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ساندېراين كاترىس، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتنى مايكېل كلارك، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان دوكتىرانت كاندىداتى ئەلىس ئاندېرسون، كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى سەيجى نىشىھارا، فىرانسىيە دۆلەتلىك شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى دىلنۇر رەيھان قاتارلىق تەتقىقاتچى ئالىملار ۋە خىتاي لاگېرلىرىدىن تېرىك قۇتۇلۇپ چىققان شاھىت مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان شان روبېرتس بىرلەشمە باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان ئاتالمىش قاياقتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە ئالىملارنىڭ تەكلىپىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن 26 دۆلەتتىكى 278 ئالىم-تەتقىقاتىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، مەركىزىي ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رايونلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشىلەندۇق. بىز بۇ باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر مەسىلىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەمدە يەرلىك مەدەنىيەتكە قارىشى غەرەزلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىش».

بۇ قېتىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئۆزگىچىلىك بولسا، يىغىندا سۆز ئالغان ھەر بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان، ئەمما نۆۋەتتە لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن بىردىن ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسىنى تەسىرلىك شەكىلدە ئاڭلىتىشى بولدى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا دەرىن بايلېر نۆۋەتتە نامەلۇم بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت خانىمنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى. تىموتي گروس بولسا، بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ لاگېرلارغا بەڭىت قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر ژۇرنالىست قۇربان مامونتنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن ئۆزى تۇرپاندا تۇرغان مەزگىلدە ئۆيىدە مېھمان بولغان، كېيىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 62 ياشلىق ئۇيغۇر ئانا سايىت نيازخاننىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش جەريانلىرىنى ئاڭلاتتى.

يىغىندا شان روبېرتس، دەرىن بايلېر، تىموتي گروس قاتارلىقلار سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بەرگۈچى مېھرىگۈل تۇرسۇن سەھنىگە چىقتى، ھەمدە سالام ۋە تەشەككۈرلىرىدىن كېيىن، تىل مەسىلىسى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ باياناتىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىرادە جېلىلغا ئوقۇپ بېرىشكە ھاۋالە قىلدى.

ئۇنىڭ باياناتى ئوقۇلۇۋاتقاندا يىغىن سەھنىسىدە ئولتۇرغان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بولۇپمۇ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرۇرانتى ئەلىس ئاندېرسون خانىم كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالدى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ يىغلاپ ئېسەدىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئەلىس ئاندېرسون خانىم يىغىن سەھنىسىدە كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان مەمتىمىن ئەلامۇ ئاۋسترالىيەدىن كېلىپ قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى ۋە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شان ۋېبېرتس قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ، بۇ يىغىننىڭ تەشكىللىنىشى ۋە يىغىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور شان روبېرتس بۇ يىغىن ئارىلىق باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆلەملەشكەن لاگېر مەسىلىگە تېخىمۇ جەلپ قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە ئاخبارات ئورگىنى مۇخبىر ئەۋەتكەن ئىدى.

26-نويابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى» تېمىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتنىڭ بىرىنچى بۆلىكى بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى 27-نويابىر جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق بىر كۈن داۋام قىلىدۇ.