خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا كۆلەملەشتۈرگەن ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەر ئامېرىكا پايتەختىگە يىغىلىپ، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا كۈچلۈك رەۋىشتە رەددىيە بەردى. ئۇلار بىردەك ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى سۆزلەشنىڭ ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پائالىيەتنىڭ 2-بۆلىكى 27-نويابىر ئىلمىي مۇھاكىمە شەكلىدە داۋام قىلدى. يىغىننىڭ 1-بۆلىكىدە يەنى 26-نويابىر تەتقىقاتچى-ئالىملار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 دىن ئارتۇق ئالىم-تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە لاگېر مەسىلىسىنى ئۆزلىرى توپلىغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 4 بۆلۈمگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر بۆلۈم بىردىن مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يىغىنى باش بولۇپ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى شان روبېرتس يىغىننىڭ تەرتىپىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يىغىن ئاخىرىدىكى يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىڭ مەزكۇر مەسىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ۋە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان رايون يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بەزى مەسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز.»
يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى دەلىل ئىسپاتلار تېمىسىدا داۋام قىلدى.
بۇنىڭدا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون، ئامېرىكا رۇس ھولمان تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تىموتي گروس، ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى سېيجى نىشىخارا قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
ئالدى بىلەن سۆزگە چىققان تىموتي گروس خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تارىخىي كونتېكىست بويىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىر مەزگىل قاتتىق رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرى رايوندا كەڭ كۆلەمدە يىغىپ تەربىيىلەش تورى بەرپا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈردى.
سېيجى نىشىخارا ئەپەندىم بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن ناتسىستلار يەھۇدىيلارنى قامىغان جازا لاگېرلىرى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى قامىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى سېلىشتۇردى ۋە ئۇيغۇرلار سولانغان لاگېرلارنىمۇ «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىدى.
ئۇنىڭ يېتىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزى شىنزو ئابې خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى بېجىڭدا كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىم شىنزو ئابېغا قارىتىپ بىر پارچە خەت يوللىغان ۋە خەتنى ئۇنىڭ تەرجىمە قېلىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغان. ئۇ مەزكۇر خەتتىن خىتاينىڭ 3 مىليون ئۇيغۇرنى قالمىغانلىقىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ھەيران قالغان ۋە ئۇيغۇرغا ياردەم قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مىللەت، دۆلەت، دىن ۋە تىلنىڭ سىرتىدا يېڭىلانغان قىممەت قارىشى بىلەن بىر يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىدىغان ۋە ئىنسانلار بىر بىرىگە ياردەم بېرىدىغان پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆز نۆۋىتىدە سۆزگە چىققان سوفېي رېچاردسون خانىم كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ لاگېر ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە دەلىللەشتىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، يىغىننىڭ بۇ قىسمى سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋام قىلدى. سوفېي رېچاردسون خانىم «خىتاينىڭ نۆۋەتتە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلاش ئېھتىماللىقى بارمۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ جاۋاب بېرىش ئىنتايىن قېيىن بولغان بىر سوئال. روشەنكى مەن شى جىنپىڭنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ نېمە ئىكەنلىكنى بىلمەيمەن. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلىدىكى ‹تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى› دىن بىر نەچچە ساۋاق ئالدى. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش قەتئىي زۆرۈر بولمىسىلا ئۆلتۈرمەسلىك. بولۇپمۇ خەلقئارا ئاخبارات ئۇ يەردە قاراپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئۇنداق قىلماسلىق.»
ئۇ جاۋابى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئادۋوكات ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنىمۇ ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ جىمىقتۇرغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ ئاخىرىدا بەلكى تىل، دىن ۋە مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنى بولمىغان سۈنئىي ئۇيغۇرلارنى كەشىپ قىلىشىنى كۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنغا ئورۇنلاشتۇرغان 2-بۆلۈمى، قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن داۋام قىلدى. يىغىننىڭ 3-ۋە 4 بۆلۈملىرى ئۇيغۇر جامائىتى تەييارلىغان مەززىلىك چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۆز تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.