21-ئاينىڭ 2-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىن، شىنجىكۇ كۇرىتسى ئۇشىگومې كۇمېنھول يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا، ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقى ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىندا يەنە خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن تەنقىدىي پىكىرلىك ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيەدە تونۇلغان، ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولغان ئاتاقلىق ئوبزورچى ماساھىرو مىيازاكىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
يىغىن كەچ سائەت 18:30 دىن 21:00 قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئىككى يۈز ئەللىكتىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.
بىز مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.