ھېنرىي شاجېسكى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي، خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك»

0:00 / 0:00

10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىردى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھەربىر ئەركىنلىك ياقىلىغۇچىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ بۇ يىللىق باش تېمىسى «ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولۇش» تىن ئىبارەت.

ب د ت ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىر كىشىنى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىرغان. ب د ت باش سېكرېتارى باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھەممە كىشىگە ئورتاقلىقىنى، ئۇنىڭ مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد رائاد ئەل ھۈسەيىن باياناتتا ئورۇن ئالغان سۆزىدە، ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىر كىشىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، كىچىككىنە بىر ھەرىكەتنىڭمۇ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بولسا ب د ت نىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاساسەن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىردى. بۈگۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ب د ت ھەربىر كىشىنى بىر-بىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا چاقىردى. مەنچە بۇ چاقىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە تولىمۇ باب كېلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئورتاقلاشقاندەك، شى جىنپىڭ مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئەلۋەتتە بۇنى خىتاي ئۈچۈن دېيىش مۇمكىن، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى پەرقلىق. مەسىلەن، پاسپورت مەسىلىسى. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرغان. ئەمما ھازىر ئۇنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بېرىلگەن پاسپورتلارنى يىغىپ ئېلىشقا باشلىدى. يەنە بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى بېسىم سىياسىتى. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى دىنى زاتلارنى نىشان قىلغان. ئەمدىلىكتە ئۇنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىنى كەيپىياتىنى بالىلىرى ئارقىلىق تەقىب قىلىشقا باشلىدى. مانا بۇلار ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنىڭ بىر بالداق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. شۇڭا بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دەس تۇرىدىغان توغرا بىر ۋاقىت دەپ قارايمىز».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ياقىلىغۇچىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا، مەيلى بىر پارچە خەت ئارقىلىق بولسۇن ياكى بىر تېلېفون ئارقىلىق بولسۇن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇنى ئەسكەرتىشنى، ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى، جۈملىدىن ھەربىر كىشىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن دەس تۇرۇشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئوچۇق-ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتلەر خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلغاندىلا ئاندىن بىز بىر نەتىجە كۆرەلەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا قىلىنغان بىر تەنقىدكە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىدۇر. رابىيە خانىممۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئوچۇق ۋە كەسكىن پوزىتسىيىسى نەتىجىسىدە خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنغان. شۇڭا بىز ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يېپىق ئىشىكلەرنىڭ ئارقىسىدا ئەمەس، بەلكى ئاشكارا سورۇندا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز شۇندىلا ئەمگەكلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلەيمىز.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ، چەتكە چىقىشىغا چەكلىمە پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۆتكەن يىلى تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 100 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرلىكتە يەنە 70 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتا ياردەم كۈتۈپ ياتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى يەنە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈنمۇ خەلقئارا جامائەتنى ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

بىز يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردا يەرلىك بىر دېھقان ھازىر يېزىدا تۆت كىشىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ گەپ قىلىپ قويغانلارنىڭ بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇنى ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى، بۇ كۈنلەردە ھەر كىشىنىڭ گەپلىرىگە ھېزى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ ئىنكاسلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئاۋاز بولۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.