خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ناھايىتى ئېغىر سىياسىي-ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى «ئىككى يۈزلىمىچى»، «دىنى ئەسەبىي» دېگەن قالپاقلار بىلەن لاگېرغا قامىغان بولسا، لاگېر سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىمۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ۋە «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» ئارقىلىق 24 سائەت بويىچە نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى، مىللىي ۋە دىنى قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا ياشاشتىن ئىبارەت ئەڭ نېگىزلىك ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور دەررىن بايلېر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ھەققىدە يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يەرلىك ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئاتالمىش «تۇغقان» لارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆيىدە نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلەرگىچە خاتىرىلەپ يۇقىرىغا دوكلات قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ تۈزۈمىنىڭ دۇنيادا تېخى بىر ئۆرنىكى كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى ھازىر كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتكە قانداق ئىسىم بېرىش ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەر بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» سۆزى تىلغا ئېلىنغاندا ھەممە كىشى سابىق يۇگۇسلاۋىيەدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى ئەسلەيدىكەن. يەنى ئۇنىڭدا سېربلار شۇ زېمىندىكى سېرب بولمىغان مىللەتلەرنى قىرىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سېربلارنى يەرلەشتۈرگەن. شۇڭا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقىنى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل بىر ئۇيغۇر كىملىكىنى قايتىدىن بەلگىلەپ چىقىشنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
ھېنرىي شاجېۋېسكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنىنى تىپىك بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىقتەك كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇگۇسلاۋىيەدىكىدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي، سىياسىي قاتارلىق نۇرغۇن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئورۇنلىرىدىن يۆتكەش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر جەمئىيەتتە ھېچقانداق رولى بولمىغان بىر كىملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى جىسمانىي جەھەتتىن يۆتكەشنى خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق خېلى بۇرۇنلا باشلاپ بولغان. شۇڭا مەنچە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق دېگەن يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن بەك كەڭ مەنىگە ئىگە،» دېدى.
ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ھازىرچە «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شۇنىڭغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. ساراھ كۇك خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن بۇنداق مېڭە يۇيۇش، ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرى بەزى تەتقىقاتچىلاردا ‹سوغۇق قىرغىنچىلىق› دېگەن بىر ئاتالغۇ بىلەن ئىپادە قىلىنغان. يەنى بۇنىڭدا مەلۇم بىر گۇرۇپپا ياكى بىر مىللەت قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىسىمۇ، ئەمما ئۇ سىستېمىلىق ۋە ناھايىتى زالىملارچە بولغان بىر خىل پسىخىك بۇزغۇنچىلىقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەنى بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنىنىڭ ‹سوغۇق قىرغىنچىلىق› ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ،» دېدى.
ساراھ خانىم يەنە بۇنداق «سوغۇق قىرغىنچىلىق» لارنىڭ ئاخىرى بېرىپ «ئىسسىق قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلتۈرۈش، قەتلە قىلىش بىلەن ئاياغلىشىش ئېھتىمالىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھېنرىي شاجېۋىسكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يېزىلغانلىقى، دوكلاتلار ئېلان قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئەمدى دۇنيا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، «دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ، خىتاينى بۇ جىنايەتتىن توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان بىر تەدبىر ئېلىشى كېرەك. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا بىر باشلامچىلىق رول ئوينايمەن دەۋاتقان، پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت. دۇنيا بۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقىنىنى ۋە ئۇنىڭ كېيىن قانداق بىر پالاكەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك،» دېدى.
ساراھ كۇك خانىم بولسا مەسىلىنى يەنە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماشتىن ئىلگىرى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ئارخىپلاشتۇرغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزا تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بېرىدىغان زىيىنىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00