خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ئاخباراتىدا ئەڭ قىزىق تېمىلاردىن بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىمۇ بۇ ساھەگە بېغىشلانغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. 20-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىننى ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن لاگېرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۈچ ئۇيغۇر شاھىتنىڭ بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «تاملارنىڭ ئارقىسىدا: ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى مەخپىي "تەربىيەلەش" لاگېرلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى» تېمىسىدىكى قىسقا ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى مەيدان قويۇلۇش مۇراسىمى بولۇپ، بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنى شۇ ئاساستا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىندا ئالدى بىلەن «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ رەئىسى كارل گېرشمان سۆز ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ 1970-يىللىرىدىكى «سوغۇق ئۇرۇش» مەزگىلىدىلا ئاساسىي تېما بولۇپ كەلگەن ھادىسە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي كۈچ بولۇشىغا ئەگىشىپ خىتايدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
كارل ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي دېموكراتچىسى ليۇ شياۋبو ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشى بىلەن تەڭلا دېگۈدەك ئوتتۇرىغا چىققان دىكتاتورىلىق ماھىيەتتە دۇنيانىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زور خەۋپ» دېگەن يەكۈن دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭدەك 1930-يىللاردا گېرمانىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى، مېيجى دەۋرىدە ياپونىيەنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەمدە ستالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى دېگەندەك تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇلارنى ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىن قوغداش بىلەن ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش بىر-بىرىنى تولۇقلايدىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئىلىپ: «مېنىڭچە، بىز ئىنسان ھەقلىرى بىلەن دۇنياۋى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يېتەكچى پرىنسىپ قىلغان ئاساستا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا نەزەر سېلىشىمىز، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈشىمىز لازىم» دېدى.
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنچە كۆپ زۇلمەتكە سەۋەبكار بولۇپ تۇرۇقلۇق ھېچقانداق چەكلىمىگە ياكى جازاغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ھەرقاچان مەسىلىلەرگە قوش ئۆلچەم بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ئىشلارنى ئۆز پايدىسى ھېسابىغا ماڭدۇرۇشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم مەسىلىسىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسى، جۈملىدىن مىسىر، تۈركىيە قاتارلىقلارنىڭ ئىزچىل سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ جەھەتتە مالايسىيانىڭ ھەقىقەتنى قوللىشى ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئىجرائىيە تەھرىرى بەي فاڭ قىسقىچە سۆز ئېلىپ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىگىرمە يىلدا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ ئاۋازىنى چىقىرالماي كېلىۋاتقان 12 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋەرلىرىنىڭ تاشقى دۇنيا ئۈچۈن بىردىن-بىر مۇستەقىل خەۋەر مەنبەسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئىشلەنگەن خەۋەرلەرنىڭ دۇنياغا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا زور رولى بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئەھۋالدا بۈگۈن قويۇلماقچى بولغان ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ زور قىممەتكە ئىگە مەلۇماتلار بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا «تاملارنىڭ ئارقىسىدا: ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىكى مەخپىي ‹تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى» تېمىسىدىكى قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم قويۇپ بېرىلدى.
بۇ فىلىمدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى كۆرگەن ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن بەرگەن بايانلىرى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ خادىملىرىدىن مەمەتجان جۈمە ۋە كرىس بىللىڭنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭدا شاھىتلار مەزكۇر «تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىنسانلىق غۇرۇرىنى قانداق دەپسەندە قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا ھېچقانداق «تەربىيەلەش» ئامىلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى قىسقا ۋە جانلىق بايان قىلىنىدۇ.
فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىنكى مۇھاكىمىدە ئالدى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئارقىدىن يېقىندا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى تەپسىلىي دوكلاتتا بېرىلگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قانداق زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇربان قىلىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ئىمكانىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە بىتەرەپ مەۋقەدىكى سۈكۈتنىڭ بىتەرەپلىك بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلەشنىڭ ئالىيجانابلىق ئەمەس، بەلكى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلاپ بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئېگە چىقىش ۋە خىتاينى ئەيىبلەش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، دېموكراتىك ئەللەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تېررورلۇق دۆلىتى» بەرپا قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەدبىرلىرىگە پائال ئىشتىراك قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش قاتارلىق چارىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىن «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن مەمەتجان جۈمە سۆز ئېلىپ، لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇماتلارنى قېزىش، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللار ھەمدە شاھىتلارنى قورقۇنچ باسقان روھىي بېسىمدىن خالاس قىلىپ، ئېكراندا ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا يېتەكلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاددىيلا بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرنى قاماققا ئېلىش بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەرخىل ئالىملىرى، دىنىي زاتلىرى، سودىگەرلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ نىشانلىق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئالدى ئاشۇ خىلدىكى لاگېرلاردا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ قارانچۇقسىز قېلىۋاتقانلىقى، بۇ گۆدەكلەرنىڭ بولسا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دېگەندەك «تەربىيەلەش» مەركەزلىرىدە خىتاي روھىيىتى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە ئەگەر ئىشلار مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە بۇنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى گۇمران قىلىشقا ئاپىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئائىلىسى» نىڭ قاينىمىغا سىڭىپ كېتىش تەقدىرىگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفىي رېچاردسون خانىم سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بۆھران ھەققىدە غەرب دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەتلەردىن باشقا ئىلىم ساھەسىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتايدەك «ئۇستا ئارتىس» خەلقئارا دۇنيانى ۋە ب د ت نى تولا قايمۇقتۇرۇپ كەتمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يېقىندا تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرغا بېغىشلانغان زور ھەجىملىك دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرگەن ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالنىڭ بۇ دەرىجىدە يامانلىقىنى بىلىپ بەكمۇ ھەيران بولغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ياردىمى بولىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى خىتايغا سېتىۋاتقان شىركەتلەرنى چەكلەش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىش، چەتئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ھەمدە ئۇلارنى چەتئەللەردە خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا تەكلىپلىك مېھمانلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە شۇ ئارقىلىق مۇھاكىمە جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. بۈگۈنكى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
0:00 / 0:00