ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋاكالەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 23-مارت كۈنى تەيۋەندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەيبېيدا ئېچىلىۋاتقان «تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 2018-يىللىق يىغىلىشى» دا ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 23-مارتتىكى يىغىلىشتا ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن خوڭكوڭ مىللەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى چېن خاۋتىيەن ئەپەندىلەر ئالاھىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە خوڭكوڭدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ 2018-يىللىق يىغىلىشىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بارغانچە يامانلاشقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرى، خوڭكوڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەكلىپلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى جۇ نىئەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قوللىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
خوڭكوڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىدىن، خوڭكوڭ مىللەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى چېن خاۋتىيەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نۇقتىلىق دىققەت ئوبيېكتى بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نېمە ئۈچۈن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپچىلىكنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى؟ مېنىڭچە، بۇنىڭ سەۋەبى ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىدىندۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز كېرەك. ئۇندىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان، ھاكىممۇتلەق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى تەيۋەن، خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئەتراپتىكى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى بارلىق ئىنسانلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. مانا بۇ نۇقتىدىن بىز ھەممىمىز تەقدىرداش ۋە مەسلەكداش. بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشىمىز كېرەك.»
چېن خاۋتىيەن ئەپەندى يەنە يىغىندا مۇزاكىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش قارارى ئېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بىز بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇيغۇرلار ‹شىنجاڭ› ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، بىز بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتسەك بولاتتى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ‹شەرقىي تۈركىستانلىق› دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلسا، ئەلۋەتتە بىزمۇ ‹شەرقىي تۈركىستان› ئاتالغۇسىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ۋە باشقا مىللەت تەشكىلاتلىرى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.»
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «تەيۋەن بىرلىك پارتىيەسى» تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۇي دەۋرىدە قۇرۇلغان پارتىيە ئىكەن. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلات ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ھەر خىل يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىقلار 2011-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى مەزكۇر پارتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.