تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداك ۋە سامسۇن ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

17-21-مارت كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قارا دېڭىز رايونىدىكى زوڭگۇلداك ۋىلايىتى بىلەن شەرقىي شىمال قارا دېڭىز رايونىدىكى سامسۇن ۋىلايىتىدە 5 مەيدان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

17-مارت كۈنى زوڭگۇلداك بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلاردا نورۇز ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ماھمۇت ئۆزەر ئەپەندى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئارقىدىن 20-مارت كۈنى تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدىكى 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «قەلبىمىزنىڭ شەرق تەرىپى شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. ياردەملىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش جەمئىيىتى بىلەن سامسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا سامسۇن 19-ماي ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

21-مارت كۈنى چۈشتە ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ سامسۇن شۆبىسىدە دوكلات بەردى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا سامسۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىندا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

21-مارت كۈنى كەچتە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سامسۇن تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىدا دوكلات بەردى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.