ئادانا شەھىرى تايلاندىكى «تۈرك» مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرى تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالغان 300 نەپەر ئۇيغۇرنى ئادانا شەھىرىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ يىل مارتتىن باشلاپ تايلاندىكى مۇساپىرلا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تا ھازىغىچە ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئادانا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجلىس يىغىن زالىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئادانا ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئېلى ئارسلان ئەپەندى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، 300 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئىرقداشىمىز، خىتاينىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمىغا چىدىيالماي بىر يىل ئىلگىرى ئۆي - ماكان ۋە يۇرتلىرىنى تاشلاپ تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ مۇشەققەتلىك سەپەر ھەم تۈرك مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر ھېكايە ھەم ئىرقداشلىرىمىز ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلىك بىر سەپەر بولدى. بۇ مۇشەققەتلىك سەپەردە ئىرقداشلىرىمىز تايلاندقىچە يېتىپ كېلەلىدى ۋە تايلاندتا تۇتۇلۇپ قالدى.

مەھمەت ئېلى ئارسلان ئەپەندى سۆزىدە يەنە 1945 ‏- يىلى تۈركىيىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلىپ قېچىپ كەلگەن 150 نەپەر ئەزەربەيجانلىقنى رۇسلارغا قايتۇرۇپ بەرگەندە رۇسلار ئۇلارنى چېگرا سىزىقىدىلا ئېتىپ تاشلىغان ۋە« بورالتان پاجىئەسى» دەپ تارىخقا يېزىلغان بۇ پاجىئەگە ئوخشاش ۋەقەنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. بۇ يەردىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە خىتاب قىلىمىز، يۈز مىڭلىغان سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ قۇچاقلىرىنى كەڭ ئېچىشى كېرەك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىكى كېرەك. 300 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىزدىن ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىشىمىزنى ۋە پەقەت تۈرك مىللىتىنىڭ چوڭقۇر قەلبىدە پاناھلىنىشنى كۈتۈۋاتىدۇ.

مەھمەت ئېلى ئارسلان ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئادانا شەھەر باشلىقىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئادانا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئادانا شەھەر باشلىقى ھۆرمەتلىك ھۈسەيىن سۆزلۈنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئادانالىقلار نامىدا، ئادانا شەھىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا پۈتۈنلەي كەڭ قۇچاق ئېچىشقا، ئۆيىمىزنى ۋە يۇرتىمىزنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا بىز تەييار، دېدى.

ئارسلان ئەپەندى يەنە ئادانا شەھەرلىك ھۆكۈمەت نامىدىن يۇقىرى ئورگانلارغا بۇ ئۇيغۇر تۈركلىرى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىش بىلەن دەرھال ئاداناغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قۇچاق ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېرىنداشلارنى تىزدىن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى، ناۋادا كېچىكىپ قېلىنسا بۇ قېرىنداشلارنىڭ ۋابالى تۈركىيە ئۈچۈن بىر ئاھانەت تامغىسى بولۇپ تارىخقا يېزىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.

مەھمەت ئېلى ئارسلان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: شۇنىسى ئېنىق بىلىنىشى كېرەككى، تۈركىيە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدۇر. ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تۈركىيەگە يۆتكەش ئىشلىرى ئەمەلىيلەشمىگەن تەقدىردە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەر قانداق پاجىئەگە مەسئۇل كىشىلەر جاۋابكار بولىدۇ ۋە بۇ ۋەزىيەت تارىخىمىزغا بورالتان پاجىئەسىگە ئوخشاش قارا داغ بولۇپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان كىشىلەر، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، تۈرك مىللىتى ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدا ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جازالىنىدۇ.

ئادانا شەھىرى تۈركىيەنىڭ مۇخالىپەتچى پارتىيەلىرىدىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان شەھەر بولۇپ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسىتى تۈرك بىرلىكى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ پارتىيە تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان پارتىيىلەردىن بىرىدۇر.