ئۇيغۇر مۇساپىرلار: زۇلۇم تۈپەيلى ھايات قېلىش ئۈچۈن قاچتۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۈقىيە
2015-08-13
Share
tayland-uyghur-musapir.jpg تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېردىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇن.
gokbayrak.com


2014 - يىلى مارتتىن بۇيان تايلاندقا قامىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن 173 نەپىرى بۇ يىل ئىيۇلدا تۈركىيەگە ئامان - ئېسەن دەسسىگەن ئىدى.

بۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تازا ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە خىتاي 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىپ ئۇلارنى «سۈرىيەگە چىقىپ ئىسلام دۆلىتىگە قېتىلماقچى بولغان جىھادچىلار» دەپ خەۋەر قىلغان.

ئۇنداقتا تايلاندتىن تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار زادى نېمە سەۋەبتىن خىتايدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان؟

بۇنى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش تېخىمۇ ئەۋزەل بولسا كېرەك.

يېقىنىدا كانادادىكى مۇخبىرىمىز رۇقىيە تۇردۇش تۈركىيەگە بېرىپ ئىستانبۇلدا پاناھلانغان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ 1 - قىسمىنى ئاڭلايسىلەر.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغۇچى خانىم خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمى تۈپەيلى خىتايدىن قېچىش سەپىرىگە ئاتلانغانلىقى ۋە خىتايدا كۆرگەن زۇلۇملىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت