ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان بىۋاسىتە زىيارەت ئاساسىدا بىر پارچە خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىگە «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ساقچى دۆلىتى تۈزۈمىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈچلۈك تەقىب ۋە بېسىم سىياسەتلىرى ئەتراپلىق يورۇتۇلغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ساقچى دۆلىتى تۈزۈمىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە» ناملىق بۇ خەۋەر ماقالىسى فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بەن دۇلىنىڭ قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ جايلاردا ئېلىنغان ھەددىدىن زىيادە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تەقىب سىستېمىلىرى مۇخبىرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق دەپ باشلىغان: «خىتاينىڭ ئۇزاق غەربىدىكى قەشقەردە مەسچىتكە كىرىدىغانلار مۇز چىراي ساقچىلارنىڭ مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق زەن قويۇپ تەكشۈرۈشلىرىدىن جىمجىت ھالدا ئۆتۈۋاتاتتى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا بارغانسېرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان چەكلىمىلەر، بۇرۇت قويۇش قىسمەن
چەكلەنگەن ۋە ھېچكىمنىڭ جامائەت سورۇنىدا ناماز قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغان بۇ شىنجاڭدىكى ھاياتنى ئادەمنىڭ دېمى سىقىلغۇدەك قىلىپ قويغان ئىدى. يىللاردىن بېرى، قەشقەردىكى مەسچىت ئالدىدىكى مەيدان رامىزاننى ئاياغلاشتۇرۇپ ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھېيت نامىزىغا كېلىپ، قىستىلىپ يۈرۈپ جەينامازلىرىنى سېلىشىۋاتقان توپ-توپ ئىنسانلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى. ئەمما ئەمدى ئۇنداق ئەمەس. بۇ يىل بۇ مەيداندا كىشىنى ئۈركۈتىدىغان، ۋەھىمىلىك بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى. شۇ يەرلىك بىر ئاھالىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئاز ئادەم چىقىشى ئىكەن. دائىرىلەر بۇ سان ھەققىدە بىزگە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمىدى. ئەمما شۇ يەرلىك بىر تىجارەتچىنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ھۆكۈمەت قەشقەرنىڭ ئەتراپىغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ باشقا جايلاردىن قەشقەرگە كېلىپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇشىنى چەكلىگەن ئىكەن. بىر تىجارەتچى بىزگە ‹بۇ دىن ئۈچۈن مۇۋاپىق يەر ئەمەس› دېدى.»
مۇخبىر بەن دۇلى ماقالىسى داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز سىياسەتلىرىنى ئاقلىسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق چەكلىمىلەر ۋە بۇنداق كۆپ ساقچى ئارقىلىق دىنىي رادىكال ئىدىيىنىڭ ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز، دەيدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىس جەيمىس لېيبولد ‹خىتاي مەخسۇس ھالدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بىر ساقچى دۆلىتى قۇرۇۋاتىدۇ› دەيدۇ.»
ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلى قاتتىق قوللۇق تەدبىرلەر ئارقىلىق باشقۇرۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە بۇنىڭ بىلىنمەي كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بىر چەتئەل ئاخباراتى مۇخبىرىنىڭ بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ دۇنياغا ئاشكارىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ ئالدى بىلەن بىر مۇخبىرنىڭ شۇ رايوننىڭ ئۆزىگە بېرىپ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بۇ ماقالە ئارقىلىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بىر غەرب مۇخبىرىنىڭ بۇ خەۋەرنى يېزىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشى مەنچە ناھايىتى ياخشى بىر ئىش. ئەلۋەتتە بۇ خەۋەرنى يازغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئايرىم بىر مەسىلە، ئەمما نېمىلا بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات خاراكتېرلىك خەۋەرلىرىنى ئاڭلىغاندىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رايوننىڭ ئۆزىدىن بىر خەۋەرنىڭ چىقىشى، ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغىنى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېغىر تەقىب-تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىدۇر. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئىلگىرىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئالغان ۋە دوكلاتلارنى تەييارلىغان. بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىلىرىنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش، يۆتكىلىش ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا.»
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ماقالىسى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي بېسىم ۋە تۈرلۈك چەكلىمە سىياسەتلىرى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى كېيىنكى بىر يىل ئىچىدىلا ئونمىڭلىغان ساقچى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ھەممىلا يەردە قەدەمدە بىر قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى ۋە ئاتالمىش ‹رادىكاللىق› نى تۈگىتىش ھەققىدىكى قاتتىق تەدبىرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. كوچىلارغا ئېسىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا ھېچكىمنىڭ جامائەت سورۇنىدا ناماز ئوقۇشىغا، 50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بۇرۇت ئۆستۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دەپ يېزىلغان. رايوندا رامزان مەزگىلىدە دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ روزى تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى. پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن بولغان تاشقورغاندىكى بىر دۇكان ئىگىسىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، دۇكاننىڭ يېنىدىكى ئاشخانا روزا-رامزان مەزگىلىدە تاماق چىقىرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەر بۇ ئاشخانىنى جازالاپ تاقىۋەتكەن ئىكەن. بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋە بىر كادىرنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، مەكتەپلەردە ھازىر بالىلارنى بىر-بىرى بىلەن ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەپ كۆرۈشۈشتىن توسايدىكەن. ئۇ كادىر ‹ھۆكۈمەت ئىسلامچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىك بۆلگۈنچىلىك قىلغان بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلايدۇ› دېدى.»
مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق تەقىب قىلىش، كۆزىتىش سىستېمىلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «رايوندىكى ھەممىلا يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناھايىتىمۇ كۆپ كامېرالار ناماز ئوقۇيدىغان جايلاردا تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن. يەكەندىكى بوش بىر مەسچىت ئىچىدە پەقەت مېھرابقىلا قارىتىپ قويۇلغان 3 دانە كامېرا بار ئىكەن. قالغان كامېرالار بولسا ياغاچلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى ئېسىلىپ تۇرغان شەپەرەڭدەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ساقچىخانىلاردا ساقچىلار ئېكرانلار ئارقىلىق مەسچىت ئىچىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كوچا-كويلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ ئولتۇرىدىكەن. خوتەندىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا بولسا ساقچىلار قولىدا مىلتىق ۋە تۆمۈر تۇرۇبىلاردىن قولدىلا ياسىۋالغان تۆمۈر نەيزىلەرنى تۇتۇپ تۇرىدىكەن. بىر كوچا ئېغىزىدا قالقان كىيىۋالغان بىر ساقچى يولدىكى ئېغىر قوراللانغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن يولدىكى ئاپتوموبىللارنى توختاتتى. ساقچى ئوفىتسېرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوراللاندۇرۇلغان ئاپتوموبىللار رامزان بويىچە شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرگەن ئىكەن.»
مۇخبىر يەنە، خوتەننىڭ شەھەر مەركىزىدىكى مەسچىتلەرگە جۈمە نامىزىغا كىرىۋاتقانلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئاشۇنداق قۇرۇلغان چازىلاردا ساقچىلارنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشلىرى ئاستىدا، ئىككى قېتىم كىملىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كىرىدىغانلىقىنى، مەسچىت ئىچىدىمۇ پۇقراچە كىيىنگەن، ئەمما ياقىسىغا كومپارتىيە ئىزنىكى تاقىۋالغان، قارا كۆزەينەكلىك كىشىلەر تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەندەك كۆرۈنۈشلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇخبىر بەن دۇلى ماقالىسى ئاخىرىدا، ھۆكۈمەت بۇنداق قاتتىق تەدبىرلەرنى ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىمىز، دەپ ئېلىۋاتقان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەكسىچە ئۆز مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنى «بەك ئاشۇرۇۋەتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر ئۇيغۇر دۇكاندارنىڭ ئۆزىگە «بىزنىڭ پاكىستان ياكى ئافغانىستاندەك بولغۇمىز يوق، ئۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكىتى سادىر قىلغانلار بەك ئاز كىشى، ئەمما ھۆكۈمەت ھېچكىمنى ئايرىپ قويمايۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ ماقالىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى يۇقىرىدىكى بۇ دۇكاندارنىڭ سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدىكى سوئالغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خۇددى مۇشۇ ئۇيغۇر دۇكاندارغا ئوخشاش، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىز نېمىشقا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدۇق، دەپ ئويلايدۇ. مەنچە، بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، مۇشۇنىڭدەك كۆزىتىش-تەقىب قانچە ئېغىرلاشقانسېرى، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكى چەكلەنگەنسېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكاللىشىش ئارتىشىمۇ مۇمكىن. مەنچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە.»
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، ئامېرىكىنى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان باشقا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەۋەر م س ن خەۋەرلىرى، جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى، پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم تور گېزىتلىرىدىمۇ كەڭ تارقىتىلدى.
