«ئۇيغۇر» نامىنىڭ قوللىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى (1)

«ئۇيغۇر» نامى ئۇيغۇر ئېلى تېررىتورىيىسىدىكى يەرلىك مىللەتنىڭ نامى. ئۇيغۇر نامىنى بۇ خەلق مىللەت نامى قىلىپ قوللىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۇزاق شانلىق تارىخىدا قەبىلە، خاقانلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى قىممەتلىك مەڭگۈتاش ئابىدىلىرىدە پۈتۈكلۈك.

0:00 / 0:00

خۇددى مەھمۇد قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى» دېگىنىدەك «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام كۆپ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر سىياسىي نام سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلگەن. خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنلىرى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تارىخىي زېمىنىنىڭ ھازىرقى سىياسىي نامىدىمۇ «ئۇيغۇر» نامى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئەمما، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلاردا، مەمۇرىي ھۆججەت، دوكلاتلاردا «شىنجاڭ» ياكى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى دەپ قوللىنىپ، زېمىن ئىگىسى «ئۇيغۇر» نامىنى غەيرىي رەسمىي چۈشۈرۈپ قويۇشى ياكى قوللانماسلىقى نېمىنىڭ ئالامىتى؟ بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتماقتا؟

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئېيتقاندەك «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 47 مىللەت ياشايدۇ» دەيدىغان گەپ داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسمى قايسى مىللەتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى تەكرارلايدىغان ئادەم يوق.»

بىز نۆۋەتتە ئادەتتىكى تىل-يېزىق ئىستېمالدىن باشقا، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، مەمۇرىي ھۆججەتلەردىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىنى قىسقارتىپ «شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى، شىنجاڭ خىزمىتى»، «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى»، «شىنجاڭچە روھ»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مېيىپلەر خىزمىتى»، «شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش يىلى» دېگەندەك ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنى تاشلىۋېتىپ قوللىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنى ئاستا-ئاستا ھەممە ساھەلەرگە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنى تاقەتسىزلەندۈرۈۋاتقىنى، مىللىتى ئۇيغۇر بولغان، تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسلىرىنىڭمۇ ئىسىم تاختىلاردىكى ئىسمىنىڭ خىتايچە يېزىلىپ قويۇلۇشىغا يول قويۇشى، ھەتتا يىغىن نۇتقىنى، خىزمەت دوكلاتلىرىنى خىتاي تىلىدا سۆزلىشى. دەرۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى رادىئو-تېلېۋىزىيە، مەتبۇئاتلارغا بەرگەن 2012-يىل يېڭى يىل نۇتقىدا «يېڭى يىل ھارپىسىدا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن...» دەپ سۆزىنى باشلىغان ۋە سۆز ئارىلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامىنى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى...»،«ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى...» دەپ سۆزلىگەن ئىدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بار بولغان سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنلىرىنىڭ ھەر بىر بەلگىلىمىسى ئاپتونوم ھوقۇقى بېرىلگەن مىللەتنىڭ نامى بىلەن بىر تۇتاش يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە، مىللىي تېررىتورىيىلىك جايلاردا ئاپتونومىيە قانۇنى يۈرگۈزىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ قانۇنلۇق نامى «شىنجاڭ» ئۆلكىسى ياكى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» بولماستىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدۇر.

مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى نىزاملىرىغا قاراپ چىقايلى:
3-ماددا: ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك مىللىتى، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئەڭ ھوقۇقلۇق مىللەتتۇر.
4-ماددا: ئاپتونوم رايون ئىچىدە شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ دىنى، تىلى، يېزىقى، مائارىپى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئېكولوگىيە-مۇھىتى، نوپۇسى، بايلىقى، تۇپرىقى قاتارلىقلار ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5-ماددا: ئاپتونوم رايون ئىچىدە شۇ يەرلىك مىللەت كىشىلىرى ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.... ۋاھاكازالار.

بۇ قانۇن ماددىلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رايوندىكى ھەممىدىن يۇقىرى ئىمتىيازىغا ئىگە مىللەت بولۇپلا قالماي يەنە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر سۆزىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى قانۇنغا ھۆرمەت قىلماسلىق مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئاتالغۇسىنىڭ چەتكە قېقىلىشى بارلىق ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ مەسىلىنى كۆپ قاتلاملىق ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر دەپ قارىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق مۇئاۋىن رەئىسى زىيالىي مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامىنى ئىشلىتىشتە ئۇيغۇر نامىنى مەقسەتلىك قىسقارتىشقا ئۇرۇنۇشى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يوقىتىشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى شۇنداقلا گەۋدىلىك بىر سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر ئاددىي ھالدىكى ئاتالغۇنى ئىخچاملاش ياكى چىقىرىۋېتىش بولماستىن، «ئۇيغۇرنى يوقىتىش» مەقسىتىدىكى قەستەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتتۇر.